‎بىلەمسەن ئەي دۇنيا دەردىمنى مېنىڭ - ‎مەردان ئېزىز

 بىلەمسەن ئەي دۇنيا دەردىمنى مېنىڭ 


‎مەردان ئېزىز (تارىم ئوغلى)قەلىمى

‎يەلكەمدىن باسماقتا تاغدەك سىناقلار،
‎ئاڭلايدۇ قېنى كىم ئەرزىمنى مېنىڭ.
‎چېكىمەن ئاھۇ-زار ھەر بىر دەقىقە،
‎بىلەمسەن ئەي دۇنيا دەردىمنى مېنىڭ.

‎دەردىمنى تەپسىلىي ئەيلىسەم بايان،
‎كېتىدۇ سۆزلىرىم قاياندىن قايان.
‎ئازابىم كۆڭلۈمگە بەش قولدەك ئايان،
‎بىلەمسەن ئەي دۇنيا دەردىمنى مېنىڭ.

‎قوينىغا ھىجرانلار مېنى ئالغاندا،
‎ئالداندى يۈرەكىم سانسىز يالغاندا.
‎كېتەمدىم دۇنيادىن ئارزۇ-ئارماندا،
‎بىلەمسەن ئەي دۇنيا دەردىمنى مېنىڭ.

‎12-ئۆكتەبىر (星期三)11:32
‎ئۈرۈمچى خاتىرىلىرى

     





110 قېتىم كۆرۈلدى mardan002 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-23 20:48:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ