ۋىسالسىز سۆيگۈ - نەسىر

ۋىسالسىز سۆيگۈ - نەسىر

 

دىلخۇمار غۇلجا

 

كۆزۇمنى يۇمۇپ ئ‍اچساملا بۇرۇنقى خۇشال ،غەمسىز كۇنلەرگە قايتىپ قالسام ھە ، لىكىن ئۇ مومكىنمۇ !!!

 ئ‍اشۇ كۇنلەرنى ئ‍ەسلىگىنىمدە ئ‍ۆزۇممۇ بىلمىگەن ھالدا كۇلۇپ سالىمەن . خۇشال بولغان كۇنلىرىم ،كۆڭلۇم يىرىم بولغان كۇنلىرىمدىنمۇ كۆپ ئ‍ىكەن، لىكىن ئ‍ەمدىلا مۇھەببەتنىڭ نىملىكىنى ھىس قىلغان ۋاقتىمدا ،رەھىمسىز تەغدىر بىزنى ئايرىدى . مەن ئازاپ، دەرت دىگەنلەرنىڭ نىمىلىكىنى بىلدىم. ھەربىر كىچىدىكى تىمتاسلىق ،غىرىپلىق سىنىڭ مەندىن يىراقلاپ كىتپ بارغىنىڭنىڭ ئ‍ىسپاتى ئ‍ىدى ، بىلەمسەن؟ بۇرۇنقى ئ‍اشۇ خۇشال كۇنلەردىن ماڭا پەقەت ھىجران ئازابى قالدى، پەقەت ۋە پەقەت خىيال دىڭىزلىرىمدىلا سەن بىلەن مۇڭدىشىمەن . بەزىدە تىلفۇنۇمغا ئ‍ۇزاقتىن ئۇزاق قاراپ كىتىمەن ،لىكىن مەن كۇتكەن نومۇردىن بىرە قىتىم تىلفۇن ياكى ئ‍ۇچۇر كەلمەيدۇ ،ئ‍ەجىبا سەن مېنى شۇنداق تىزلا ئ‍ۇنتۇپ كەتتىڭما ؟ ياق ،،ياق ،،،سەن مەندىن ئ‍ۆزۇڭنى ئ‍ىلىپ قىچىۋاتىسەن ، مەنمۇ شۇ ، ساڭا شۇنداق تىلفۇن قىلغۇم بار ،لىكىن سىنى ئ‍اۋارە قىلىپ ۋاقتىڭنى ئ‍ىلىپ قويوشتىن قورقىمەن .

 ئ‍ۆزۇمنى شۇنداق يالغۇز ھىس قىلدىغان بولۇپ قالدىم ،خۇددى بۇ دۇنيادا ئ‍ۆزۇم يالغۇز قالغاندەك . سەن ھەر قىتىم ماڭا " ماڭا بەخىت تىلىمىگىن ، مىنىڭ بەختىم پەقەت سەن " دەيتىڭ ،لىكىن ،،،لىكىن ، مىنىڭ ساڭا مۇشۇنداق بەخىت تىلەپ قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ئ‍امالىم يوق ،"كەچۇرگىن "مەن پەقەت كەچۇر دەلەلەيمەن ،سەنمۇ ماڭا بەخىت تىلىمىگىن ، مىنىڭمۇ بەختىم سەن ئ‍ىدىڭ ئ‍ەپسۇس تەغدىر قىسمەت بىزنى ئ‍ايرىدى ،سەن مېنى ساقىيالمايسەن ، مەڭگۈ ساقلىيالمايسەن ، لىكىن بۇنى سەندىن ياكى ئ‍اتا -ئ‍انامدىن كۆرمەيمەن .بۇ ئىككىمىزنىڭ تەغدىرى خالاس .





569 قېتىم كۆرۈلدى huma212 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-4 15:41:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-12 22:07:58 دىلخۇمار
رەخمەت دوسلىرىم ، مىنى قوللىغىنىڭلارغا رەخمەت
2016-1-29 14:03:17 abdulla
bak yahxikan
2016-1-29 14:03:16 abdulla
bak yahxikan
2016-1-8 15:54:57 دىلبەر قەشقەر
ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز
2016-1-8 1:43:36 ilyas
Quxandim
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ