چۈنكى مەن ئىنسان
( ياسىنجان مۇھەممەت)
مەن ھايات يولىدا ئۆتكۈنچى مىھمان ،
كەلگۈسى ئىقبالغا يۈرۋاتقان كارۋان ·
يات ماڭا ئارتۇقچە ھەشەمەت ئىكرام ،
چۈنكى مەن ساپ قەلىب ئاددى بىر ئىنسان·
بىلمەيمەن ئۆزگىگە ئورا كولاشنى ،
بىراۋنى خۇشامەت گۈلىگە ئوراشنى،
بىلمەيمەن رەڭۋازلىق ھەم كۆز بوياشنى،
چۈنكى مەن ساپ قەلىب ئاددى بىر ئىنسان·
ئۈمۈد ۋە غايىنى پۈكۈپ يۈرەككە ،
تىنىمسىز كۆرەشكەن تولۇپ غەيرەتكە.
ئىستەيمەن يىتىشنى ئىزگۈ تىلەككە ،
چۈنكى مەن ساپ قەلب ئاددى بىر ئىنسان.
كۆرسەم گەر بىراۋنىڭ سوغۇق چىھرىنى ،
كۈتمەسمەن زەررىچە ھىممەت،مىھىرنى ،
كۆتۈرمەس غورۇرۇم مىننەت،كىبىرنى ،
چۈنكى مەن ساپ قەلب ئاددى بىر ئىنسان·
قىرىنداش-دوستلۇقنى بىلىمەن ئەلا ،
ياشىدىم مەرتلىكنى قىلىپمەن ھەمرا·
شۇلاردىن ھاياتىم تاپىدۇ مەنا·
چۈنكى مەن ساپ قەلب ئاددى بىر ئىنسان·
ئاتامنىڭ ئىزىدىن چەتنەپ باقمىدىم ،
نەپسانىيەت سۈيىدە لەيلەپ ئاقمىدىم·
ئەركەك مەن ھەقىقى ئەردەك ياشىدىم،
چۈنكى مەن ساپ قەلب ئاددى بىر ئىنسان ·
| 49 قېتىم كۆرۈلدى | ياسىنجان مۇھەممەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-11 12:09:23 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|