سەن كەلمىدىڭ ھىيىت كەلدى ئانا - ​گۈلجامال يولۋاس

سەن كەلمىدىڭ  ھىيىت  كەلدى  ئانا  
گۈلجامال يولۋاس

ئازاپ ئىكەن  ئايرىلىش  دىگەن ،
ئىككى يىل بوپتۇ بىردەمدە مانا.
ئاي كۈنلەرنى قوغلىشىپ بىردەم،
سەن كەلمىدىڭ ھىيىت كەلدى ئانا.

ھىيىت بايرامدا ئۆي ئىچى بازار،
چۇرۇقلىشار گۈل پەرزەنتلىرىڭ.
ئەتراپىڭدا ئوينار شاد خۇرام،
سەن يوق مانا يوقتۇر قىزلىرىڭ.

قەدەم ئالدىم بۈگۈن يىگانە،
ئانىجانىم سەن تۇتقان ئۆيگە.
ھەممە نەرسە تۇرار جايىدا ،
كۆرۈنمەيتىڭ كەتتىڭ سەن نەگە.

تۇرۇپ يىغا باسقان كۆزلىرىم،
قاراپ چىقتىم ئىزلەپ ئىزلىرىڭ.
پۇرىۋالاي ھىدىڭنى ئانا .
دەپ ئۆكسۈدۈم ئاقتى ياشلىرىم.

ئەسلەپ تۇردۇم دائىم سىمايىڭ،
سىغىنساممۇ يوقتۇر ئامالىم.
كىلەلمەيسەن بىلىمەن ئانا،
تىنىچ ياتقىن ئانىجان جانىم.

گۈلجامال يولۋاس (قەشقەر ياۋاغ   بىييۈەن ئولتۇراق   رايۇنى )
2016.7.23
     





41 قېتىم كۆرۈلدى guljamal198 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-16 1:18:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ