شامال

شامال

 

يۈسۈپچان  ئ‍ابدىريىم

 

 ئ‍ەي…شامال قىنى سەن،  كەلسەڭچۇ تىزراق،

سەگىتىپ يۈرەكنىڭ تەشۋىشلىرىنى.

 ئ‍ۇچۇرۇپ ئ‍ەپكەتكىن يىراق جايلارغا ،

 ۋاپاسىسز سۆيگۆنىڭ كەچمىشلىرىنى.

 

 شامالىم  چۆللەردە ئ‍اداشتىم بۇدەم ،

 چاڭقىغان دىلىمغا يامغۇر ئ‍الغاچ كەل.

 غۇبارسىز مىھىرگە ئ‍نتىزار بۇلدۇم ،

 باھارنىڭ ۋەسلىدىن ، مىھىر ئ‍الغاچ كەل.

 

 ئالدىراش نەگە؟-دەپ سۇرىسا دەرەخ-،

 قۇملۇققا مەجرۇھنى يۈلەشكە- دىگىن.

 دۈشمەنلەر -ئ‍ەھۋالىم بىلمسۇن پەقەت-،

 -ئ‍اي بىلەن ئ‍اسمانغا تۈنەشكە- دىگىن.

 

 شامالىم تىزراق بول قالمىدى تاقەت،

- ئ‍ۇسسۇدۇم چارچىدىم ، يەتمەس ماجالىم.

 ئ‍يتقىنە كەلمەسكە بارمۇ ، باھانەڭ…؟

 ئ‍ۈمۈدۈم سەندىلا ، مھرىم - شامالىم.

 

 ئ‍اپتۇر : مارالبىشى ناھىيە  ئ‍الاغىر يىزا خاڭدى كەنتىدىن

 يۈسۈپچان ئ‍ابدىريىم

 2015 -يلى 12-ئ‍اي-20 -كۈنى، ئۈرۈمچى





274 قېتىم كۆرۈلدى yosopqan ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-20 19:19:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-20 22:19:49 مەھمۇتجان ئابدىريم
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ