جېلىليۈز (شېئىر) - يادىكار تۇرسۇنتاي

 جېلىليۈز
 يادىكار تۇرسۇنتاي

  ( 1 )

    جىمىكى گۈزەللىك مۇجەسسەم سەندە ،
    جەننەتتەك گۈل ماكان سالام جېلىليۈز .
    ئەمگەكچان ، خۇشچاقچاق ئوغۇل-قىزلارنى ،  
    مېھرىڭدە ئۆستۈرگەن ئانام جېلىليۈز .

   ( 2 )
     
     مول-ھوسۇل كۈيلىرى ياڭرايدۇ ھەردەم ،
     بولغاچقا يىگىتلەر پالۋاندەك بەردەم ،
     ئاشلىققا جان بەرگەن سۇلىرىڭ زەم-زەم ،
     دېھقانغا خۇشچىراي ئاچقان جېلىليۈز .

  ( 3 )

     مەرۋايىت ئاق ئۈرۈك كۆزنى چاقنىتار ،
     مەمپەزە ، ئىستۇلۋۇي جاننى ياشنىتار ،
     قۇشلارنىڭ نەغمىسى دىلنى يايرىتار ،
     باغلىرىڭ جەننەتكە مىسال جېلىليۈز .

   ( 4 )

     ئابرالغا قېرىنداش قاش دەريا سۈيى ،
     جانلارنى ئويغىتار جۇشقۇن شوخ كۈيى ،
     ھۆسنىگە لال قىلار ئۈچ كۆۋرۈك بويى ،
     جەلىپكار نازىنىن ، تەنناز جېلىليۈز .

  ( 5 )

     ھەيۋەتلىك تاغلىرىڭ كۆككە تاقاشقان ،
     تاغ گۈلى ئەمبەدەك خۇشپۇراق چاچقان ،
     توغراسۇ چارۋىغا كەڭ قۇچاق ئاچقان ،
     گۈزەللىك بابىدا چولپان جېلىليۈز .

  ( 6 )

     ناخشا-ساز ، چاقچاقلار ئەۋجىسى سەندە ،
     شۇڭلاشقا غەم-قايغۇ تۇرمايدۇ تەندە ،
     خوشاللىق ھەمراھدۇر ھەر بىر قەدەمدە ،
     چاڭقىغان يۈرەككە داۋا جېلىليۈز .

  ( 7 )

     ھېچ ماكان سېنىڭدەك گۈزەل بىلىنمەس ،
     سېنىڭسىز ئارمانلار قايتا تىرىلمەس ،
     سەن قەلب تۆرۈمدە بۈيۈك مۇقەددەس ،
     بەرىكەت-ئامەتكە يار بول جېلىليۈز .

     





356 قېتىم كۆرۈلدى nayil ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-10 20:00:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-11 21:13:18 خەمىت تۇردەم
يادىكار تۇرسۇنتاي يازغان شىئىر ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ دىگەنتى تۇغانجان قۇرۋانجان ، ئوقۇپ باقسام راسلا ئىسىل چىقىپتۇ . قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن ئەدىپ
2017-4-11 21:35:35 تۇرغانجان
يادىكارنىڭ «جىلىيۈز»دىگەن شىئىرى ھەقىقەتەن ئىسىل يىزىلىپتۇ،ئوقوپ خوشبولدۇم،
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ