يۇقالسۇن
مۇھەممەت ئىمىن قەدەم
يۇقالسۇن قەلبىمدىكى تەشۋىشلەر،
سۆيدۈم دەپ، ساختا سۆيگۈ بەرگەنلەر.
مىنى سۈيۈپ ، ياتلاربىلەن يۈگەنلەر،
ماڭا كەلسە ئۇنداقلارغا يارىم يوق .!
ياتتىن سۇ ئىچەلمەي ساختا كۆڭۇللەر،
ئاپتاپ پەرەس بۇلۇپ، يالغاندىنلا كۈگەنلەر.
ئۇيالماستىن بىرنى ئىككى قىلغانلار،
بىلىپ قويسۇن مەندە ئۇنداق يۈرەك يوق.
يۇقالسۇن ،مەندىن يىراق يۇقالسۇن ،
ئالا كۆڭۈل ،ماڭا ساختا كۆيگەنلەر .
مەندىن چىن سۆيگۈنى كۈتكەنلەر ،
ساڭا ئەمدى ،ئاشىق يۈرەك يوق .
2016.11.13
120 قېتىم كۆرۈلدى | kadam | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-14 10:36:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|