سەن كېلىپ سەن كېتىپ
دىلشات قەلبىدىن
دىبان كۆڭلۈم شاد ئەيلىگەن سەن كېلىپ ،
كۆزۈمدە ياش قالدىم يالغۇز سەن كېتىپ ،
ياشلىرىمنى سۈرتۈپ قويساڭ سەن كېلىپ ،
ئاھ جۇدالىق جاننى ئالدى سەن كېتىپ .
تاڭلار ئاتماس سېغىنىشتا سەن كېتىپ ،
قۇچاقلاپ قوي مېھرىڭ بىلەن سەن كېلىپ ،
دىلىم مىسكىن ھالىم خاراپ سەن كېتىپ ،
لەلىرىمگە سۆيۈپ قويساڭ سەن كېلىپ .
ھالىڭ نىچۈك سورساڭچۇ سەن كېلىپ ،
خۇددى ئايدەك غېرىپ بولدۇم سەن كېتىپ ،
بەرسەڭ مەيلى ھەتتا زەھەر سەن كېلىپ ،
ۋىسال ئىچمەي شاراپ ئىچتىم سەن كېتىپ .
غايىپ بولدى كۈلكىلىرىم سەن كېتىپ ،
بۇ ھىجراندىن تارتىۋالساڭ سەن كېلىپ،
زار پىغاندا ئۆتتى يىللار سەن كېتىپ ،
قىلما تەشنا يوللىرىڭغا سەن كېلىپ .
| 139 قېتىم كۆرۈلدى | kalbidin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-4 22:21:55 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|