‎كەتكۈم بار جاھاننىڭ يىراق چېتىگە - ‎مەردان ئېزىز

 كەتكۈم  بار جاھاننىڭ يىراق چېتىگە  
‎مەردان ئېزىز (تارىم ئوغلى)قەلىمى

ھاياتىم سوۋغىسى ئازاپلىرىمنى،
يازايمۇ تارىخنىڭ تۇنجى بېتىگە.
‎زىرىكتىم تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرىدىن،
‎كەتكۈم بار جاھاننىڭ يىراق چېتىگە.

‎ئەي دۇنيا يۈرەككە ئازاپنى سېلىپ،
‎خەنجەرلەر سالدىڭغۇ باغرىمنى يېرىپ.
‎ھەسرىتىم،دەردىمنى زىممەمگە ئېلىپ،
‎كەتكۈم بار جاھاننىڭ يىراق چېتىگە.

‎ياشىماق شۇنچىلىك تەس بولدى ماڭا،
‎خىتابىم شۇ بولدى ئەي دۇنيا ساڭا.
‎يۈرۈگۈم شۇنچىلىك ئاغىرىدى يانا،
‎كەتكۈم بار جاھاننىڭ يىراق چېتىگە.

‎بەك ئېغىر بىلىندى تۇرمۇش سىنىقى،
‎ئىزدىدىم بارمۇ دەپ ئۇنىڭ يىنىكى.
‎قالمىدى مېنىڭدە ئۈمۈد بىرلىكى،
‎كەتكۈم بار جاھاننىڭ يىراق چېتىگە.

‎ئۈرۈمچى خاتىرىلىرى
‎12-ئۆكتەبىر(星期三) 11:04

     


     





99 قېتىم كۆرۈلدى mardan002 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-28 2:44:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ