توي قىلىمەن
ئابدۇۋارىس ئوسمان
ھەممە دەيدۇ پۇل بولمىسا قىزمۇ يوق ،
سۆزلەپ كەتتى ۋىژدانغا ئۇماچمۇ يوق.
بۇ دۇنيادا ۋىژدانىمغا قىز چىقماي ،
سۈر بويتاق بولۇپ كەتسەممۇ كارىم يوق.
پۇللا بولسا قىزلار كۆپ دىگەنلەرگە ،
سۆزلىسەم تەنقىتلەپ كايىپ كېتىمەن .
ئۈزۇن ئۆتمەي شۇنداق دىگەنلەرگە ،
كۆرسۈتۇپ ۋىژدانىمغا توي قىلىمەن .
جاۋار-جابدۇق سوغاتلارنى ئالماستىن ،
توي قىلماقچى قوي-كالىنى ساتماستىن.
مال - دۇنيا تاما قىلغاننى ئالماستىن ،
تەگسە ۋىژدانغا ئالىمەن يانماستىن .
قىزلار مال ئەمەس پۇلغا كىلىدىغان ،
قىزنى ۋىژدانغا ئالالمايسەن دىمە .
كەلسە پۇلغا شۇندا قىزنى ئۆزۇڭ ئال ،
ماڭا سۆزلەپ پۇقاڭنى ئۆزۇڭ يىمە .
ئويلىسام كۈپىدۇ قوسقۇم كۈپىدۇ ،
قىزلارنى ھاقارەت قىلسا كۈپىدۇ .
«پۇلغا كېلىدۇ »دىگەن ئۇغۇلغا دەي،
ۋىژدان بولمىسا قىزلار پۇلنى تاپىدۇ .
ۋىژدان ئۇرقىنى ئەتراپقا چاچىرتىپ ،
ۋىژدانغا ئاشىق قىزلارنى قارىتىپ .
شۇ قىزلار ئارىسىدىن بىرنى تارتىپ ،
توي قىلمەن ۋىژدان كۈيىنى ياڭرىتىپ .
پۇل تۇمۇشىمىزدىكى بىزنىڭ ئېھتىياجىمىدىن چىقىۋاتقان مۇھىم بولغان ئالاقە ،پۇل بەك مۇھىم ئەمما پۇلنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ قىزلار پۇلغا ئامراق پۇل بولسا قىزلار كىلىدۇ دەپ قىزلارنى ھاقارەت قىلماڭ؟ ئەجىبا سىز ۋەبىز پۇلغا ئۆشمۇ ؟ پۇلغا نۇرغۇن نەرسە سېتىۋالالايسىز ئەمما قىزلارنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ ،قىزلارنى پۇلغا سېتىۋالدىم دىيشىڭىز مۇمكىن ۋە ياكى شۇندا سېتىۋالغانلار بار دىيشىڭىز مۇمكىن توغرا سېتىۋالغاندۇ ،پەقەت تەننى سېتىۋالغاندۇ ، جىق گەپ ئارتۇقچە پۇلنى دەپ قىزلار بۇزۇلدى دىمەڭلار پۇلنى دەپمۇ ياكى بىز ئوغۇللارنى دەپمۇ ؟ بىر ئۆي پۇل بولسا بىرقىزنى شۇ ئۆيگە سۇلاپ قۇيساق بۇزۇلامدۇ؟ بۇزۇلمامدۇ ؟يەنە پۇلغا گۇنانى ئارتىپ نۇمۇس قىلماي قىزلار ئاندا ماندا دەمدۇق ؟ قىزلارنى بۇزۇشقا ئەمەس قوغداشقا ئۈتەيلى! قىزلارمۇ قوغدۇنۇشقا ئەمەس ئۆزىنى قوغداشقا ئۆتسۇن!بەخىت ھەممىمىزگە يار بولسۇن ؟
139 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-1 16:03:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|