قانداق قىلاي (​ناخشا تېكىستى) - جامالىدىن يۈسۈپ

قانداق قىلاي

 (ناخشا تېكىستى) 

 جامالىدىن يۈسۈپ


سېنى نۇرلۇق ئاي  دەپتىمەن.
چىراغ ئىكەنسەن.
كۆڭلى يېقىن يار دەپتىمەن.
يىراق  ئىكەنسەن.

قانداق قىلاي، مەن نە قىلاي.
ھەيرانە بولدۇم.
ئىشقى ئوتۇڭ زەپ يامانكەن.
ۋەيرانە بولدۇم.

خەقنىڭ يارى ئوينايدىكەن.
سۆيگۈنى بىلەن.
بىزنىڭ يارلار قىينايدىكەن.
كۆيگىنى بىلەن.

قانداق قىلاي  مەن نە قىلاي
ھەيرانە بولدۇم
ئىشقى ئوتۇڭ زەپ يامانكەن.
ۋەيرانە بولدۇم

ئاپپاق ئايدىڭ كېچىدە.
ئاينىڭ شولىسى.
كۆڭۈل بەرسە بىلمەيدىكەن.
قىزنىڭ تولىسى.

قانداق قىلاي  مەن نە قىلاي
ھەيرانە بولدۇم.
ئىشقى ئوتۇڭ بەك يامانكەن
ۋەيرانە بولدۇم.
مۇھەببەتنىڭ ئوتلىرىدا
دىۋانە بولدۇم.

2017-يىلى 4-ئاينىڭ 17- كۈنى تۇرپان شەھىرى
ئۈندىدار.13999460492

     





109 قېتىم كۆرۈلدى جامالىدىن يۈسۈپ يانار ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-17 20:43:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ