ھەسرەتتە جانان

ھەسرەتتە جانان

 

فەرۇق ئۇدۇنى

 

‏جانانغا باقتىم سۇلغۇندۇر كۆزى،

‏قان ياشتا داغلىنىپ كۆيۈپتۇ يۈزى.

 ‏نىجاتلىق تىلەپ ھەرياققا بېقىپ،

 ‏توۋلايدۇ توختىماي چىقمايدۇ ئۈنى.

 

 ‏ ‏قەلبىگە تولۇپتۇ ھەسرەت نادامەت،

 ‏كۆرگىنى خۇددى چۈش قارا قاباھەت.

 ‏تولغىنار قان يۈتۈپ تولغىنار جانان،

 ‏جاھاندىن يۈتكەچكە ھەق ھەم ئادالەت.

 

 ‏ ‏جانانىم ھەسرەتتە يىغلايدۇ غېرىب،

 ‏بولمىغاچ گۈزەل تاڭ ئۇنىڭغا نېسىپ.

‏پورەكلەپ ئېچىلغان ھايات باھارى،

‏سۇلۇپتۇ قۇرۇپتۇ زىمىستان كېلىپ.

 

 ‏ ‏‏كۆيىدۇ يۈرەكلەر جانان ئىشقىدا،

 ‏مەقسەتسىز قەدەملەر ھىجران كوچىدا.

 ‏مەيلى چۆكتۈرسۇن شۇ قان ياشلىرى،

 ‏ياكى جان بولسۇن ئۇنىڭغا پىدا.

 

 ‏ ‏ئۈمۈدۈم ئەي جانان يىغلىما غېرىب،

 ‏بىچارە قەلبىمگە پىراقلار سېلىپ.

 ‏گۈزەل تاڭ ئاتىدۇ باھار كېلىدۇ،

 ‏ھاياتىڭ گۈللىنەر چېچەكلەر ئېچىپ.

 

 ‏ ‏2015.9.25 ‏فەرۇق ئۇدۇنى ‏ ‏ ‏ ‏





107 قېتىم كۆرۈلدى فەرۇق ئۇدۇنى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-26 17:17:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ