تانمايمەن - قىزىل تۇمان

تانمايمەن

ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان


قېرىپ سىلەر كۈچتىن قالساڭلارمۇ،
مېڭىش تۇرۇشتا قىينالساڭلارمۇ،
گەپنى راۋان دېيەلمىسەڭلارمۇ،
مەن سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلار، تانمايمەن.

يۈزۈڭلەرگە قورۇقلار چۈشسىمۇ،
بەللىرىڭلار يادەك ئېگىلسىمۇ،
كىيىملىرىڭلار توپا بولسىمۇ،
مەن سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلار، تانمايمەن.

چاچلىرىڭلار ئاقىرىپ كەتسىمۇ،
مىجەزىڭلار ئۆزگىرىپ كەتسىمۇ،
كېسەل سىلەرنى باغاچ ئەتسىمۇ ،
مەن سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلار، تانمايمەن.

ئۈندىدار نومۇرى.15292532364
     





53 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-19 19:09:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ