مۇھەببەت
دىلبەر ئەخىت
مۇھەببەت ئۇ تەسۋىرلىگۈسىز بەخىت،
مۇھەببەت ئۇ ئازاب،
مۇھەببەت ئۇ بىر ئوت،
مۇھەببەت ئۇ ئۈمىد,
مۇھەببەت ئۇ بىر دېڭىز ،
مۇھەببەت ئۇ غايىبانە بىر كۈچ ، غايىبانە بىر سىردۇر .
ئۇ مۇھەببەتكە ئىشەنگەنلەرنى گاھ ئازاب دېڭىزىدا غەرىق قىلسا ، گاھ گۈزەل، باغۇ بوستانلىقلارغا باشلاپ ۋىسال مىنۇتلىرىدا مەس قىلىدۇ ، گاھى ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى كاۋاپ كەبى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىدۇ .
مۇھەببەت ئۇ خالىغان كىشنىڭ قەلىب قەسىرگە رۇخسەتسىز لا كىرىپ يەنە رۇخسەتسىز لا چىقىپ كىتىدۇ.
مۇھەببەت ئەنە شۇنداق كۆرگىلى تۇتقىلى ، ئشەنگىلى بولمايدىغان غايىبانە بىر سىردۇر . كىشىلەر مۇھەببەت كە ئىرشىش ئۈچۈن قانچىلىك ئىغىر بەدەل تۆلىگەن بولسا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇ شۇنچىلىك ئىغىر بەدەل تۆلەيدۇ ، ئۇ مۇھەببەت كە ئىرىشكەن لەرنىڭ كۆزىنى كور ، ئەقلىنى گول، جىسمىنى بولسا بىر تىزگىنەكلىك ئويۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ . كىشلەر بۇنى ھىس قىلسىمۇ، شۇ نەچچە مىنۇتلۇق ۋىسال مىنۇتلىردا مەس بولۇشۇپ مۇشۇنداق ياشاشقا رازى بولىدۇ . ئاتالمىش پاك مۇھەببەت كە ئىشىنىپ ئۇنىڭغا ئالدانغان كىشلەر بولسا ياشاشقا، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ ، بەلكىم ھاياتىدىن ۋاز كىچىشىمۇ مۈمكىن . ئۇلارنى بەش مىنۇت ئىچىدە مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويالايدىغان بۇ كۈچ دەل (مۇھەببەت ).
مۇھەببەت نى شۇڭا، شىرىن ئازاب دىيىشكە بولىدۇ ، مىنىڭچە مۇھەببەت كە ئىشىنىش ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ قىمار ، بۇ قىماردا يا ئۇتىسەن يا ئۇتتۇرسەن .
بەخىت نەدىن كىلىدۇ ؟ مۇھەببەت كە ئىشىنىپ يۈركىڭنى تەقدىم قىلغان يەردىن .
ئەمسە ئازابچۇ ؟ ئۇ نەدىن كىلىدۇ ؟
مۇھەببەت كە ئىشىنىپ يۈركىڭنى تەقدىم قىلغان يەردىن. مانا، بۇ ھەقىقەت. كىشى ھاياتىدا ئىرشىش ئەڭ قىيىن بولغىنى مۇھەببەت ، ئۇنۇتۇش ئەڭ قىيىن بولغىنى يەنىلا شۇ مۇھەببەت. ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەڭ قىيىن بولغىنى بولسا ئىككى ئادەمدىكى مۇھەببەت نىڭ بىركىشىدۇر .
مۇھەببەت كە تولغان ھايات گۈزەل بولىدۇ ، مۇھەببەت سىز ھايات مەنىسىز بولىدۇ .
مۇھەببەت ئەي مۇھەببەت تالاي كىشلەر نى بەخىت كە ئىرىشتۈرۈپ ، تالاي كىشىلەر نى ۋەيران قىلغان( مۇھەببەت ).
مۇھەببەت، مۇھەببەت سىرلىق مۇھەببەت،
يۈرەكلەرنى لال قىلغان شىرىن مۇھەببەت .
مۇھەببەت مۇھەببەت سىرلىق مۇھەببەت ،
يۈرەكلەرنى قان قىلغان شىرىن مۇھەببەت .
بۇلۇت كەبى لەيلەپ كىردىڭ قەلبىمگە قاچان ،
گۈلخان كەبى ئوتنى ياقتىڭ قەلبىمگە قاچان .
زۇلمەت كەبى قاراڭغۇ لۇققا تاشلىدىڭ قاچان ،
ئوتتىن ئىلىپ سۇغا تاشلاپ قىينار ھەر قاچان .
سىغىنىش ئوتلىرى كۆيدۈردى مىنى ،
مۇھەببەت نىڭ ھىجرانى ئۆلتۈردى مىنى .
مۇھەببەت تىن ۋاز كەچتىم قىينىدى مىنى ،
مۇھەببەت كە ئەل بولدۇم قۇل قىلدى مىنى .