شېئىر مېنىڭ ھاياتىم - مىھىرنىسا قۇربان
شىئېر مىنىڭ ھاياتىم 

ئاپتۇرى :مىھىرنىسا قۇربان 

شېئىر بولماس بىر مىسرا يازغانغا،
شائىر بولماس قولغا قەلەم ئالغانغا.
نىمە يەتسۇن ھوزۇر بىرىپ كۆڭۈلگە، 
شېئىر يېزىپ ھاياتقا كۈچ قوشقانغا· 

شېئىر يېزىپ نەقىشلىدىم ھاياتنى، 
تاپتىم بارچە خوشاللىقنى بەخىتنى· 
ھوزۇر ئ‍ىزدەپ ھاياتىمغا شېئىردىن، 
توختاتمايمەن قولۇمدىكى قەلەمنى· 

شېئىر دىگەن ھاياتىمنىڭ بارچىسى، 
ھەر مىسراسى ھاياتىمنىڭ تامچىسى· 
شېئىر يېزىپ قالدۇرايمەن ئ‍ىزىمنى، 
يەنە قالدى ئ‍ۆمرۈمنىڭ قانچىسى· 

شېئىر بولدى ھاياتىمغا نىجادكار، 
شېئىرلىرىم بولار ماڭا مەدەتكار،
شېئىر بىلەن ئ‍ۆتسە ھەر بىر كۈنلىرىم،
شېئىر يېزىپ بولاي مەڭگۈ قەلەمدار· 

2016-4-16




91 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-5 22:03:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ