سۆيگۈ تەشنالىقى
رىزۋانگۈل ئابدۇكېرىم
(مودەن)
پەرىشاندۇر ھالىم مىنىڭ ،قەلبىم چىكەر ئىزتىراپ،
مۇھەببەتنىڭ قەسىرىدە ،سۆيگۈم تۇرار يالتىراپ.
نىچۇن بۇنداق يۈرەك لەختە، ئازاپ ئالدى قوينىغا،
يەنە كۈنلەر ئۈتەرمۇ؟، تەشنالىقتا قاغجىراپ.
داۋام قىلار قاچانغىچە بۇ سىقىلىش بىلمىدىم،
چۈشەنمىسەڭ قەلبىمنى ،يۈرەك ئاغرار سىرقىراپ.
نە سەۋەپ مەن بوپ قالدىم بۇنداق دەرتكە مۇپتىلا،
ياشار بولسام مۇشۇنداق،سۆيگۈم قالار ھالسىراپ.
سەن يەتمىسەڭ ھالىمغا، قەلبىم مىنىڭ سەكپارە،
سۆيگۈ گۈلشەنى ئارا ،مەن يۈرەر مەن ياتسىراپ.
سەنسىز كۈلمەس گۈل يۈزۈم،بۇنى بىلگىن ئەزىزىم،
سۆيگۈ شارابى بەرمىسەڭ،،ھايات تۈگەر قانسىراپ.
2016-يىل26-ئىيون .مايتاغ
45 قېتىم كۆرۈلدى | رىزۋانگۈل ئابدۇكېرىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-1 13:19:28 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-10-3 18:54:32 | ساۋۇت |
ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم ،غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ ، |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|