مېنىڭ شۇنداق سۆيگۈنۇم بولسا
مېھىرنىسا قۇربان
بەرسە ماڭا چىن سۆيگۈسىنى،
مېنىڭ شۇنداق سۆيگۈنۈم بولسا.
ماڭا ئاتاپ يۈرسە ئۆزىنى،
مېنىڭ شۇنداق سۆيگۈنۈم بولسا.
گۈللەر ئېلىپ كەلسە يېنىمغا،
ياكى گۈللەر تەرسە بېغىمغا.
ئورناپ كەتسە يۈرەك قېتىمغا،
مېنىڭ شۇنداق سۆيگۈنۈم بولسا.
بولسام ئاڭا ۋاپادار يارى،
نازۇك چىمەن كۆيگەن دىلدارى.
يەتكۈزمىسە كۆڭۈل ئازارى،
مېنىڭ شۇنداق سۆيگۈنۈم بولسا.
يۈرسە ماڭا پەرۋانە بولۇپ،
مۇھەببەت ھەم سۆيگۈگە تولۇپ.
قالمىساممەن قولىدا سولۇپ،
مېنىڭ شۇنداق سۆيگۈنۈم بولسا.
ئىزلەپ ماڭا خوشاللىق كۈلكە،
ئاۋايلىسا ئوخشىتىپ گۈلگە.
تاشلىمىسا ئۇچۇرۇپ چۆلگە،
مېنىڭ شۇنداق سۆيگۈنۈم بولسا.
ئۆتسە مېنى بىر ئۆمۈر سۆيۈپ،
مەنمۇ ئۆتسەم ئۇنىڭغا كۆيۈپ.
ئارمان قالماس كەتسەممۇ ئۆلۈپ،
مېنىڭ شۇنداق سۆيگۈنۈم بولسا.
2016-10-4 غۇلجا شەھىرى
42 قېتىم كۆرۈلدى | 2550325358 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-5 1:02:15 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|