يىقىمسىز باھار
ئېرشات ئۆمەر
نى ،نى ئىسىل ئەسەر چىقاركەن ،
باھار تىما بولۇنسا ئەگەر .
غايىبانە خوشلۇق جىلۋىسى ،
ئۇندا پارلار گۈزەل شۇ قەدەر .
بىر چاغلىرىم بولغان راستىنلا ،
باھار پەيزى ھوزۇرىن سۈرگەن .
دىھقان تاغام ناخشىلار توۋلاپ ،
ياش يۈرەككە ھاياجان بەرگەن .
كىيىكلەر قىيغىتىپ ئىدىرلىق ئارا ،
ياڭرىغان باغلاردا بۇلبۇل ناۋاسى .
چاڭقاق دىلغا زەم زەم بولۇشۇپ ،
ھىكمەت ياراتقان تارىم دەرياسى .
بۈگۈنۈم ئادەملەر مەدىھيە قىلغان ،
شۇمۇ يا بىلـمىدىم گۈزىللىك كانى .
ياكى بۇ چۈشۈممۇ ئويغىنىپ قالسام ،
كۆرەمدىم باھارنىڭ ئەسلى ھالىنى .
ئەپسۇسكى بۇ باھار شۇنچە يىقىمسىز ،
يا بۇلبۇل نار خەندان ناۋا ئەيلىمەس .
ياكى مەن شۇنداقمۇ تازا بىلـمىدىم ،
بۇ باھار يۈرەككە قانائەت بەرمەس.
| 34 قېتىم كۆرۈلدى | ezharr | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-2 22:11:44 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|