خۇمار نىداسى - مۇھەممەد ئەلى ئابلىكىم كارۋانچى

 خۇمار نىداسى

ئاپتۇرى مۇھەممەد ئەلى ئابلىكىم كارۋانچى
                          1

بىر قېتىم "چەك"خۇمار بولماس دىگەن گەپكە،
چىكىپ سالدىم خاس بۇلاي دەپ ئەركەككە.
تەسلىم بولدى ئاجىز تىنىم شەيتاندىكى ۋەسۋەسكە.
قىممىتىمنى يۇقاتتىم ھەم ئايلىنىپ ئەخلەتكە،
پۇشايمانغا قاچا يوق نەدىن تاپاي "ئۈزۈمنى"
                             2
كىچىلەردىن پەرىق يوقتۇر گاھلىرىدىدا "يۇرۇق سەھەر"،
ئاجىز تىنىم ئىنتىلىدۇ چەكمەك بۇلۇپ "شەربەت زەھەر "
بارى يوقنى تۈگەتىىم تەييارلىقىم ئۇشبۇ "سەپەر"،
ئۈمۈدۈم شۇ مەنزىلىمدىن كەلسە ماڭا"تاتلىق خەۋەر"
ئاياغىدا پايخان بوپ قۇربان قىلىدىم ئۈزۈمنى.
                              3
خۇمار بۇلۇپ ئاق تاماكىغا تۈگەشتۈردۈم ياشلىقنى،
بىر چىكىملەر كەتتى كۈل قىلىپ گۈل ياشلىقنى.
كەلسە ئەگەر بىر پۇرسەت تۈزەر ئىدىم ئۈزۈمنى،
كەلمەس پەقەت "شۇ تەقدىر" ھايات پەقەت بىر قېتىم .
شۇندا يەنە ئۈمىد قىلارمەن كەلسە ئۆمرۈم بىر "قېتىم "
                          4
گەر كەلسىچۇ ۋاي ئىسىت بەخىت قونغان ئاق ئېتىم،
تىزگىنىنى چىڭ تۇتۇپ ئەقلىم قاراپ بۇ قېتىم.
لىكىن خىيال مىڭ ئەپسۇس تۈگەشتۈردۈم ئۈزۈمنى،
تاشلاپ ئۇشبۇ نىجىسنى يۇرۇق قىلاي يۈزۈمنى.
قايتا قۇلۇمغا چىقماس ئاق تاماكا "بىر قېتىم "
                          5
ئۈمۈدۋارمەن شۇندىمۇ نەپەستىن تېخى قالغىنىم يوق،
نىيەت قىلدىم چەكمەسكە لەۋزىم گويا ئاتقان ئوق.
يىقىن كەلمەسمەن ئەمدى بۇرۇنقى ئەقلىم "ھازىر يوق"،
مانا ئەركەك قەسىمى يۈرەك ئەمدى جۇشقۇن "سوق"
ئەمدى قايتا چەكمەيمەن جان ئالغۇچى زەھەرنى.

ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ.
كارۋانچى .


     





28 قېتىم كۆرۈلدى مۇھەممەد ئەلى ئابلىكىم كارۋانچى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-26 19:19:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ