مەرىپەتكە مۇھەببەت (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 مەرىپەتكە مۇھەببەت
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

بالىلارغا سۇئال تاشلاپ،
ئوتلار ياقار تىلىمىز،
مەرىپەتكە مۇھەببەت،
ئۇرغۇپ ئاشتى روھىمىز.

ئاڭلاپ بايان زوقلۇنۇپ،
يايراپ كېتەر قەلبىمىز،
قولنى-قولغا تۇتىشىپ،
باش نىشاندا ماڭىمىز.

ۋەتەن ئۈچۈن،ئەل ئۈچۈن،
دائىم تەييار تۇرىمىز،
پەرزەنتلەرنىڭ ئوتىدا،
گۈلخان بولۇپ يانىمىز.

مۈشكىلاتتىن قورقمىساق،
شەرەپلەرنى قۇچىمىز،
سوتسىيالىزم يولىدا،
مەڭگۈ داغدام  ماڭىمىز.

قەلبىمىزنى ئىللىتىپ،
پەرزەنتلەرنى سۆيىمىز،
ئىللىق ئانا ۋەتەندە،
مەڭگۈ خۇشال كۈلىمىز.
     





81 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-15 22:17:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ