ئويلاپ قالماڭ قىزلارنى.......
رىزۋانگۈل (مودەن)
دائىم ئۈچۈق ئۈندىدار بىكار بەلكىم ئىشى يوق،
قاتسام ئىتتىك قۇشۇلدى ھىرىس ئاڭا بەكمۇ شۇخ.
ئويلاپ قالماڭ قىزلارنى مەۋقەسى يوق ھەم سۇيۇق،
بىلمەيدۇ ھەم ساختىنى گەپكە سالىمەن كۆڭۈل توق.
ئۈندىدارغا قاتقىنى،سىزگە ھۆرمەت قىلغىنى،
ئوخشىمايدۇ بۇ قىزلار ھەممە ئەمەس دىل بۇزۇق.
ئۈندىداردىن ئۈگىنەر تاتىلىق -تۈرۈم سېلىشىنى،
ھەم ئۈگىنەر ھەرخىل تىل چىھرى نۇردۇر دىل يۇرۇق.
كۆڭۈل ئاياپ بەزىدە ئۆزى قالار ئەلەمگە،
يۈتۇپ ئەلەم ئىچىگە كۈلۈپ باقار ھەممىگە.
باھا بەرمەڭ قەلبىنى چۈشەنمەستىن ھەرگىزمۇ،
باشقا بولسا نىيتىڭىز يۇيىۋىتىڭ يول ئۇچۇق.
2016-يىل 24-سىنتەبىر.مايتاغ
47 قېتىم كۆرۈلدى | رىزۋانگۈل (مودەن) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-1 11:23:58 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|