خىيالدىمۇ بىكەت بار
رەجەپ يۈسۈپ
قاراپ كەتتىڭ يات ئايالغا بەك ئۇزاق ،
ئاڭلاي دوستۇم خىيالىڭدا نىمە بار .
قارىمىغىن يات بىرىگە تىكىلىپ ،
(كۆز)دە ئەمەس ،كۆڭۈلدىمۇ زىنا بار .
خىيال بىلىپ سۈرىۋەردىڭ ھەقىچان ،
بىلسەڭ ئىنسان خىيال بولغاچ گۇناھكار .
توختاپ قويغىن يامانلىققا باشلىسا،
يولدا ئەمەس خىيالدىمۇ بىكەت بار .
خىيال دىگەن قانىتى يوق قۇش دەيدۇ ،
راس ئەمەسمۇ ھەر كاللىدا ھەر خىيال .
ئەگەر بولسا مىڭ ئادەمدە مىڭ خىيال ،
ھەممىسىلا ياخشى ئەمەس ئىھتىمال .
خىيال دىگەن ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئىشى،
قانداق سۈرسەڭ ئۆزۈڭدە ھەم ئىختىيار .
سۈرىۋەرمە ھەر خىيالنى ۋەلىكىن ،
توختاپ قويغىن خىيالدىمۇ بىكەت بار.
| 39 قېتىم كۆرۈلدى | babur | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-3 15:19:23 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|