ۋىجدان سورىقى (شېئىر) - ​ مۇھەممەتجان ئىزگۈ

 ۋىجدان سورىقى
  مۇھەممەتجان ئىزگۈ

گۈل تۇتسا بىرلىرى قىلغان ئەجرىمگە،
تاش ئاتار بىرلىرى مېنى يامان دەپ.
شۇندىمۇ تايىنىپ ماڭدىم  سەبرىمگە،
ياخشىنىڭ مەنزىلى ياخشى ھامان دەپ.

ياقامنى تۇتسىمۇ ياندۇرمىدىم قول،
كۈلۈشتىن باغرىغا خەنجەرلەر سانجىپ.
دىدىكى ۋىجدانىم سەبرىلەرگە تول،
شۇندىلا تاشلايسەن تاشنىمۇ يانجىپ.

ئىت كەلسە تەڭ قاۋاپ قىلمىدىم جىدەل،
ئالدىغا بىرپارچە سۆڭەك تاشلىدىم.
نادانغا تەڭ تۇرماق ئەڭ ئېغىر كىسەل،
شۇڭىمۇ تىللارغا ئېغىز ئاچمىدىم.

ئالتۇننى تاشلىغان بىلەن پاتقاققا،
ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ ئۆتسىمۇ يىللار.
قانچىلىك سۇۋىغىن قارىنى ئاققا،
ئاقنى ئاق دەپ بىلەر يۈرىكى چىنلار.

سەن مېنى تىللىغىن ۋەياكى ماختا،
مەن يەنە كېلەرمەن بىرخىل سىياقتا.
ئۆزگىرىپ كەتسىمۇ چىرايىم بەستىم،
قەلبىمدە ۋىجدانىم بولمايدۇ ساختا.


2017.3.1
مەمەت سەمەت (قىزىل)
     





58 قېتىم كۆرۈلدى ezgu520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-2 8:26:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ