نەسىھەت - نادىر

نەسىھەت

 

مەمتىمىن تۇرسۇن ( يامغۇر)

 

 ياشايسەن دۇنيادا نە مەقسەت بىلەن

 ئۈتەمسەن مۇشۇنداق كۈلۈپلا ئويناپ

 شوخلۇقنى تاشلىۋەت ئويلۇنۇپ باققىن

 كېتىدۇ ھەممىسى يالغۇزلا تاشلاپ

 

 ياشلىقىڭ ساقلىقىڭ تۇرمايدۇ مەڭگۈ

 پۇرسىتىڭ تۇرمايدۇ ھەرگىزمۇ ساقلاپ

 كەتسىلا قۇلۇڭدىن تۇيدۇرماي ئاستا

 قالىسەن ئاھ ئۇرۇپ كۈزۈڭنى ياشلاپ

 

 ئىزدىنىپ ئىلىم ئال ئۇشبۇ ھاياتتا

 ئاتاڭنىڭ-ئاناڭنىڭ ئۈمىدنى ئاقلاپ

 يۈرمىگىن جاھاندا كىرەكسىز بۇلۇپ

 ئۈگەنگىن ھەر دائىم روھىڭنى پاكلاپ

 





163 قېتىم كۆرۈلدى dehkan ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-22 0:09:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ