​باھارغا بېغىشلىما (شېئىر) - ئ‍ەركىن قېيۇم يالچىن

باھارغا بېغىشلىما
ئ‍ەركىن قېيۇم يالچىن

يېتىپ كەلدى باھار پەسلى خۇش كۈلۈپ،
ماڭدى قىزلار كۆك تەرگىلى ئ‍الدىراپ.
ئ‍ەگىز سۈيى ئ‍ويناقلىشىپ ئ‍ېرىقتا،
ئ‍اقار ئ‍استا شىلدىرلىشىپ پارقىراپ.

ئ‍ۆچەكلەردىن چىقىپ ئ‍ۇششاق جانىۋار،
ئ‍ۇزۇق ئ‍ىزدەپ ھەر ياقلاردا يۈرىشەر.
باھار ھىدى پۇراپ تۇرغان باغلاردا،
كاككۇكلارمۇ پىخىلدىشىپ كۈلىشەر.

مەجنۇنتاللار ئ‍ېگىپ يۇمران شېخىنى،
يايدى ئ‍ەنە ئ‍ېتىز-دالا يوللارغا.
پەرۋاز قىپتۇ بالىلارنىڭ لەگلىكى،
نەزەر سالسام ئ‍ېگىز كۆككە-ساماغا.

ۋىچىرلىشىپ قارلىغاچلار جۈپ ئ‍ىزدەر،
باش باھارنى باشلاپ كەلدۇق دېيىشەر.
چوكانتالنى چاچ قىلىشقان قىزلارمۇ،
چىۋىق مىنگەن ئ‍وغۇللارغا ئ‍ەركىلەر.

باھار كېلىپ يايراپ كەتتى دىللارمۇ،
ئ‍ىلھام ئ‍الدى مانا ئ‍ەركىن قېيۇممۇ.
يېزىۋالدىم تەبىئەتنى باھارنى،
چاچقۇ قىلدىم نەزمەم ئ‍اددىي بولسىمۇ.
     





44 قېتىم كۆرۈلدى ئەركىن قېيۇم يالچىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-31 3:40:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ