ئىنساندەك ياشا

ئىنساندەك ياشا

 

ئاپتۇرى: مىنەۋەر ئوبۇل ئاتۇش

 

كىر ئىزدەيسەن بىراۋ بىراۋدىن،

 ئۆزۈڭ خۇددى ئاپئاق كىرسىزدەك.

تۆرەلگەن بىزمۇ ھەم خام سۈت ئەمگەندىن،

 شۇڭا سەنمۇ ھەم ئىنساندەك ياشا.

 

 شىر چاغلاپ يۈرىسەن ئۆزۈڭنى،

ياراتمايسەن ئاجىز كۆرگەندە.

 نىئىمەتلەرگە باغلاپ كۆزۈڭنى،

ياشىغىن سەن چوقۇم ئىنساندەك ياشا.

 

ياخشىلىقمۇ يەردە قالمايدۇ،

 يامانلىقنى ئەيلىمە دوستۇم.

 كۈلگەنلەرمۇ ھەر ۋاخ كۈلمەيدۇ،

 ياشا ھەر زامان ئىنساندەك ياشا.

 

ھايات چېغىڭدا قالدۇرغىن ئىز،

 كىلىپ كىتەر دۇنيا ئىكەن بۇ.

قەۋرە ئالدىدا تەڭ بولارمىز بىز،

 شۇڭا سەنمۇ ھەم ئىنساندەك ياشا.

 

ئۆمۈرۈڭ قىسقا ۋاقىت كىتىدۇ،

قايتۇرۇلماس ھايات كەينىگە.

 مىرادىغا كىممۇ يىتىدۇ،

خام سۈت ئەمگەن بىز ئىنساندەك ياشا.

 

 قەدىرلىگىن قەدىردانلارنى،

بۈگۈنى بار ئەتىسى يوقتۇر.

ئاسرىغىن سەن گۈلىستانلارنى،

بۇدۇنيادا ئنساندەك ياشا.

 

 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى





91 قېتىم كۆرۈلدى مىنەۋەر ئوبۇل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-18 20:58:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ