چۈنكى سىز ئون سەككىز ياشتا
تۇغۇلغاندىن تاھازىرغىچە ئون سەككىز يىلنى كۈتۈۋالدىڭ، سەكسەن ئىككى يىل ئۆمرۈڭ قالدى دەپ كىم ئىيتالايدۇ..؟ تەلىيىڭ كىلىپ شۇ ياشقىمۇ باردىڭ دىگەندىمۇ بىشىڭغا نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇق ،جەبرى جاپالار پۈتۈلىدۇ. ھەر بىرئادەم ئۈچۈن ئەتىنىڭ ئۆزى بىر سىېر، بۈگۈن ھەممىمىز ئۈچۈن بىر ئىسل سوۋغا .
دۇنيادا ھەر قىسما ئادەملەر بار ، لېكىن ئۇلاردىن ئارتۇقچە رەنجىش ھاجەتسىز . ھەممىمىز ھەر بىر قەدەمنى ئويلىنىپ بىسىشىمىز، خاتا بىسىلغان قەدەملەردىن ساۋاق ئىلىشىمىز، ھاياتنى ھەرگىزمۇ پۇشايمان بىلەن ئاخىرلاشتۇرماسلىقىمىز كىرەك . چۈنكى ھايات ئادەمگە بىرلا قېتىم كىلىدۇ .
قېسقىغىنە شۇ ھاياتتا سىز مەيلى يىقىلىپ چۈشۈڭ ياكى مەغرۇرانە قەدەم تاشلاڭ،كۆرگەن كۈنلىرىڭىزگە شۈكرى قېلىڭ. سىز ھەممىنى قايتىدىن باشلىسىڭىزلا ھايات سىزگە ئىللىق قۇچىغىنى ئاچىدۇ .بىراق سىز ئۈمۈدلۈك بولۇشىڭىز ، ئىتىقادىڭىزنى يوقاتماسلىقىڭىز كىرەك . چۈنكى ئۈمۈدسىز كىشىلەر ئۆلۈك سانالسا، ئىتىقادسىز كىشىلەر ھايۋان سانىلىدۇ .
سىزنىڭ قەدىر قىممىتىڭىز ھەرگىزمۇ ئازغىنە مال دۇنيارىڭىز بىلەن ئۆلچەنمەستىن بەلكى ئادىمىيلىك ئىتىقادىڭىز ۋىجدانىڭىز بىلەن ئۆلچىنىدۇ . مەن ئويلايمەنكى ۋىجدان ئەڭ ئادىل تارازا. سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەننى ئەمەس بەلكى ۋىجدانڭىز ياخشى كۆرگەننى قىلىشىڭىز كىرەك . چۈنكى سىز ياخشى كۆرگەن ئىشتا ئازغۇن شەيتاننىڭمۇ بىر كىشلىك تۆھپىسى بولشى مۇمكىن .
ئون سەككىز ياش ئادەمنىڭ ئەڭ زىلۋا ئەڭ گۈزەل ۋاقتى . ھەم ئادەمنىڭ جۇشقۇن ھاياتى دولقۇنلاپ تۇردىغان بىر مەزگىل.. .. بەلكىم بۇ ئون سەككىز ياشقا قەدەم تاشلىغىنىڭىزدا سىزدە بەلكىم بىر قىسىم فىزولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن . لىكىن سىز ھەرگىزمۇ بەزى ئىشلاردىن بەزى پىسخىكىلىق توسالغۇلار دىن خالىي بولالمايسىز . شۇنداقتىمۇ ئويلىنىشقا شۇ مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىشكە توغرا كېلىدۇ . سىز ھەرگىزمۇ بەل قويۋەتمەڭ، چۈنكى سىز ئون سەككىز ياشتا . چۈنكى سىز ھاياتنىڭ ئەڭ جۇشقۇن ئەڭ قايناق پەيتىدە.. !
مەيلى سىز ئوغۇل بالا بولۇڭ ياكى قىز بالا بولۇڭ، مۇشۇ ئون سەككىز ياش ۋاقتىڭىزنى ياخشى قەدىرلەڭ. ئەھمىيەتلىك بولغان تۇرمۇش كارتىنلىرى بىلەن ئۇنتۇلماس ئابىدە قىلىپ قۇرۇپ چىقىڭ . ھەرگىزمۇ كۆڭلۈم خالىغاننى قىلىمەن دىمەڭ..! بۈيۈكلىرىمىزنىڭ <<كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمە، كۆڭۈل ھەر جايغا باشلايدۇ . سەمەرقەنىتنىڭ ئالمىسىدەك ، ئاپىرىپ چۆللەرگە تاشلايدۇ >>دىگەن ھىكمىتىنى ئىسىڭىزدە مەھكەم ساقلاڭ. بۇ ھىكمەت ھەرگىزمۇ بىكاردىن بىكارغا ئىجاد قىلىنغان بولماستىن بەلكى ھاياتنىڭ تۈرلۈك سىناقلىرىدىن پۈتۈپ چىققان ئاچچىق ساۋاق بولۇشى مۇمكىن.
ئەگەر سىز ئاچچىق رىئاللىققا يۈزلىنىشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى ئالدايدىغان ئىشنى قىلماڭ . مۇشۇ جۇشقۇن پەيىتتە سىز بەلكىم نۇرغۇن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىشىڭىز، ۋەبەلكىم ئىزىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن . لىكىن سىز يەنىلا ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ، سىزدە بەلكىم يوشۇرۇن قابىليەت بىخ سۈرۋاتقان بولۇشى . سىزدە يەنە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ، ئىنتىلىش روھى يىتىلۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ، چۈنكى سىز ئون سەككىز ياشتا .
سىز نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىھتىياجلىق ئىنسان ، چۈنكى سىز ئون سەككىز ياشتا. مۇشۇ قايناق ھاياتتىن باشلانغان بەزىبىر قىزىقىش سىزنى كۆككە چىقىرىشى ۋە بەلكىم يەرگە ئۇرۇشى مۇمكىن . شۇڭلاشقا سىزدە توغرا نىشان توغرا غايە تۇيغۇسى بولۇشى لازىم . ئۆزىڭىزنى ھاياتتىكى ئەڭ قالتىس ئادەم چاغلاۋاتقان پەيىتتە سىزنىڭ ئارقىڭىزغا نۇرغۇن كىلىشمەسلىكلەر ئۆتۈپ بولغان بولىدۇ . ..
سىز ھايات بوستانىدىكى ئەڭ يۇمران بىر تۈپ كۆچەت ، ئەتراپىڭىزدا سىزگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئاسراۋاتقان كىشىلەرگە ئاسىيلىق قىلماڭ. چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ باراقسان ئۆسۈشىڭىز ئۈچۈن ئەجىر مىھنەت قىلغۇچىلاردۇر. قېنى سىز نىمىلەرنى يەكۈنلىدىڭىز، نىمىلەرنى ئويلىدىڭىز بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ . گەرچە بۇلارنى بىلىپ يەتمىسەممۇ بىراق سىزنىڭ غەيرەت جاسارىتىڭىزنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىگە ، توغرا يولدىن ئازمايدىغانلىقىڭىزغا شەكسىز ئىشىنىمەن ..! چۈنكى مەن ئون سەككىز ياشتا ، چۈنكى سىز ئون سەككىز ياشتا ...
2015.يىلى 14.ئاۋغۇست يەكەن
ئەكبەرجان ئىدىرس ئەرچىن
1886 قېتىم كۆرۈلدى | ARQEN | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-25 18:00:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|