خەقنىڭ نىمە كارى
رەھمىتۇللا تۇرسۇن
يىتىپ ئاشار ئۆزىگە دەردى،
ۋاي سەن بىلەن خەقنىڭ نىمە كارى.
سەۋەپ قىلما دەردىڭگە خەقنى،
ۋاي سەن بىلەن خەقنىڭ نىمە كارى.
ئۆز-ئۆزەڭگە بۇلالماي پۇختا،
سېلىنغاندا بۇرنۇڭغا نوختا.
دەپ يۇرمىگىن خەقنى،خەپ-توختا!
ۋاي سەن بىلەن خەقنىڭ نىمە كارى.
قىلمىشڭغا ھېچكىم ھېچنىمە،
دىمىدى دەپ كۆرەڭلەپ كەتمە.
توغرا دىمەس خاتا دىمىسە،
ۋاي سەن بىلەن خەقنىڭ نىمە كارى.
لاچىن بۇلۇپ كۆككە ئۇچساڭمۇ،
پاقا بۇلۇپ سايدا ياتساڭمۇ.
ياتلار ساڭا كۇڭۇل بۆلمەيدۇ،
ۋاي سەن بىلەن خەقنىڭ نىمە كارى.
قېرىنداشنىڭ قەدرىنى قىلغىن،
سىرداش دوستنى ھەم قەدىرلىگىن.
دوست-دۇشمەننىڭ پەرقىنى بىلگىن،
ۋاي سەن بىلەن خەقنىڭ نىمە كارى.
دەردىڭ بولسا ئىگەڭگە يىغلا،
ياتقا بايان ئەيلىمە ئەسلا،
بەزلىشىدىن خام-خىيال قىلما،
ۋاي سەن بىلەن خەقنىڭ نىمە كارى.
205 قېتىم كۆرۈلدى | رەھمىتۇللا تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-7-29 23:02:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-8-3 11:55:33 | ئاپتاپ |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن ، ياقتۇردۇم |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|