شائىر خاتىرىسىگە (دادامغا )
ئابلىكىم ئابلىمىت
ۋاراقلاپ ئولتۇردۇم شائىر خاتىرىسىنى ،
چۆكۈپ مەن خىيالنىڭ چوڭقۇر دېڭىزىغا .
ئوقۇپ زوق بىلەن شائىر شېئىرىنى ،
شەيدا بوپ شىئىرنىڭ گۈزەل بېغىغا .
شېئىرلىرىڭىز قىلدى مەپتۇن مېنى ،
مەسىت بولدۇم شۇئان شېئر ئشقىدا .
تەۋرەتتىم قەلەمنى ئولتۇرۇپ شۇئان ،
شېئىردەك خۇشپۇراق چاھار باغدا .
بەردى جان تىنىمگە شېئىرلىڭىز ،
بەردى زوق قەلبىمگە روبائىيىڭىز .
قىلىپ خۇش قەلبىمنى ساتىرارىڭىز ،
بەردى سۈت ئانامدەك لىرىكىڭىز .
ئۆچۈرمەيمەن، كۆممەيمەن قېزىپ دائىم،
ساقلايمەن قەلبىمدە مەڭگۈ دائىم .
ئۆچۈرمەيمەن ئوتنى ياندۇرۇپ دائىم ،
شۇئوتلۇق مېھىرنى ئىللىتىپ دائىم .
| 29 قېتىم كۆرۈلدى | ABLIKIM | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-14 1:03:23 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|