‏ئانام، مېھىرىبانىم نەلەردە قالدىڭ

‏ئانام، مېھىرىبانىم نەلەردە قالدىڭ

 

www.yazghuqilar.com

 

‏ئانا دەپ سۆزلىسەم ئانا تىلىمدىن،

 ‏تىلىمدىن چىقمايدۇ چىقار دىلىمدىن،

 ‏سېغىنىش ياشلىرى ياغار كۆزۈمدىن،

‏ئانام!!! مېھىرىبانىم نەلەردە قالدىڭ؟؟؟

 

 ‏ ‏ياشاپ كەتتىم ئانا سېنىڭدىن ئۇزاق،

 ‏مېھرى ئىللىق ئەشۇ چېھرىڭدىن ئۇزاق،

 ‏(بالام) دەپ چاقىرغان ئۈنۈڭدىن ئۇزاق،

‏ئانام!! قەدىردانىم نەلەردە قالدىڭ؟؟؟

 

 ‏ ‏ئانا سېنىڭ بىلەن قىشىم باھارتى،

 ‏ماڭا سېنىڭ بىلەن رەھمەت ياغارتى،

‏كۈلكىلەر سەن بىلەن كۈنۈمگە يارتى،

 ‏ئانام!!گۈل باھارىم نەلەردە قالدىڭ؟؟؟

 

‏ ‏‏‏جان ئانا بارسامكەن قېشىڭغا ئۇچۇپ،

‏ئەركىن پەرۋاز قىلغان بورانقۇش بولۇپ،

 ‏يېنىڭدا ئۆتسەمكەن پۇتلىرىڭ تۇتۇپ،

‏ئانام!!!جانۇجانىم نەلەردە قالدىڭ؟؟؟

 

 ‏ ‏مۇساپىرلىق ئەجەب قىينىدى مېنى،

 ‏جان ئانا قاچانمۇ كۆرەرمەن سېنى،

‏بۇ سېغىنىش ئوتى يۈتكەيمۇ مېنى،

 ‏ئانام!!  غەمگۇزارىم نەلەردە قالدىڭ؟؟

 

 ‏ئانام ... ئانام مېھرىبان ئانام،

 ‏ئانام ... ئانام قەدىردان ئانام.

 ‏ئانام ... ئانام دىلدارىم ئانام،

‏ئانام ... ئانام غەمزارىم ئانام!!!

 

‏ ‏فەرۇق ئۇدۇنى ‏2015.8.25 ‏ ‏ ‏ ‏





172 قېتىم كۆرۈلدى فەرۇق ئۇدۇنى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-2 16:56:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ