بۈگۈن بىر بەت كىتاب ئوقۇيلى
" خەلقىمگە خىتاب "
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
تېلىفۇننى تاشلاپ يىراققا ،
بۆگۈن بىر بەت كىتاب ئوقۇيلى !
كىرىپ بىزمۇ ئادەم سىياققا ،
بۆگۈن بىر بەت كىتاب ئوقۇيلى !
كىتاب بۈيۈك ، ئىلىم كانىدۇر ،
كىتاب كۈڭۈل ،گۈلىستانىدۇر ،
كىتاب ئۆزلۈك ، شەرەپ -شانىدۇر
بۆگۈن بىر بەت كىتاب ئوقۇيلى !
نادانلىققا ياغدۇرۇپ ئۇقنى !
بار قىلايلى تىرىشىپ يۇقنى !
تارقىتايلى رۇھى ئۇزۇقنى !
بۆگۈن بىر بەت كىتاب ئوقۇيلى !
كىتابسىز بەخت قارا ئەمەسمۇ ؟
بەخت قارىسى گۇناھ ئەمەسمۇ ؟
كىتاب خۇشبۇي گىياھ ئەمەسمۇ ؟
بۆگۈن بىر بەت كىتاب ئوقۇيلى !
كىتابتا بار ئالەمنىڭ سېھرى ،
كىتابتا بار گۈزەللەر چېھرى .
كىتابتا بار ئانىنىڭ مېھىرى ،
بۆگۈن بىر بەت كىتاب ئوقۇيلى !
| 104 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-2 0:04:28 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|