شۈكرى دەيدۇ يەنلا دىھقان

شۈكرى دەيدۇ يەنلا دىھقان

 

 تىلۋالدى مىرزەكىم

 

شۈكرى دەيدۇ يەنىلا دىھقان

ئالدىراشتا ئۆتسە كۈنلىرى

 سۇ تۇتقاندا ئۇيقىدىن يىراق

 ئۆچرەت كەلسە كىچە تۈنلىرى

 

 شۈكرى دەيدۇ يەنىلا دىھقان

 قۇرغاقچىلىق بەرسە قەھرىنى

 ۋايسىمايدۇ قىيىن كۈنلەردە

 پەرىزمىدۇ باقماق خەلقىنى

 

 پەرىز ئەمەس ئۇندا بىر خىسلەت

 يەردە قالماس تەر تۆككەن مىھنەت

 ئۇندىن يىراق تەمەننە مىننەت

 شۈكرى دەيدۇ يەنلا دىھقان

 

 بىلەلمەيمىز دىھقان ئەجرىنى

 چۇشەنمەيمىز دىھقان قەلبىنى

 سىزەلمەيمىز دىھقان سەبرىنى

 شۈكرى دەيدۇ يەنىلا دىھقان





213 قېتىم كۆرۈلدى penhan ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-18 22:58:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ