دۇئاسىنى ئال - رەھمىتۇللا تۇرسۇن

 دۇئاسىنى ئال

رەھمىتۇللا تۇرسۇن


چوڭلار ساڭا نەسىھەت قىلسا،
بىلىمەن دەپ بۇيۇن تولغىما.
گەپ-سۆزلىرى سىڭايان كەتسە،
مازاق ئ‍ەتمە دەپ ئ‍ەقلى چولتا.

ھۆرمەت قىلغىن يېشى چوڭلارنى،
كۆپتۇر سەندىن كۆرگەن-بىلگىنى.
ئ‍ۇقۇپ ئ‍الىم بۇلۇپ كەتسەڭمۇ،
ئ‍ۇنۇتمىغىن ئ‍ەدەپ-ئ‍ەخلاقنى.

بىلىۋېلىپ تۆت تال ئ‍ىلىمنى،
كۆرەڭلىمە مەيدەڭنى كەرمە.
سەن نەدىتىڭ چوڭلار بولمىسا؟!
چوڭلارغا سەن يۇغان سۆزلىمە.

ھۆرمەت قىلغىن پىشقەدەملەرنى،
غەملىرىڭنى يىگەنلەر شۇلار.
بۇلبۇل ئ‍ەمەس قاغا بۇلاتتىڭ،
ساڭا ئ‍ۈلگە بولمىسا ئ‍ۇلار.

بەلكىم ئ‍ەقىل ياشتا ئ‍ەمەس دەپ،
پەش قىلارسەن باشتىلىقىنى.
راس ئ‍ەقىللىق بولساڭ ئ‍ەگەر سەن،
تەييارلاپ قوي ناشتىلىقىنى.

باقى ئ‍ەمەس ئ‍ۇلار ئ‍الەمگە،
مېھمان قىلىپ ياخشى كۈتۈۋال.
ئ‍ۇلار رازى بولسا كۆكلەيسەن،
رازى قىلىپ دۇئ‍ا ئ‍ېلىۋال.
     





152 قېتىم كۆرۈلدى رەھمىتۇللا تۇرسۇن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-5 11:13:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ