ئامرىقىم - مەمەتجان سامساق « تەنھا »

 ئامرىقىم - نەسىر  
 مەمەتجان سامساق  « تەنھا »    


     سەن ھەر دائىم يۈرۈكۈمدە بار ئامرىقىم ، ئويلايمەن. ئويلايمەنيۇ لىكىن تويمايمەن · سەن مىنىڭ ھالىمنى سوراپ كۆرگىلى بىرەر قېتىممۇ كىلىشكە جۈرئەت قىلالمايسەندە!!!!    ماڭا خەت يازمىدى دەپ يەنە مەندىن رەنجىۋاتامسەن؟ مىنى قاچانلاردا چۈشىنىپ يىتەرسەن جېنىم؟  ئەقلىڭ ئۈستۈن بولسىمۇ سەندە مىنى چۈشەنگىدەك يۈرەك نىمىش قىلسۇن.
         سەن مىنىڭ تارىتقان كۈنلىرىمنى تارتىپ باقساڭ دەيمەن.  
يەنە مەندىن رەنجىۋاتامسەن؟ ئۇچۇرلىرىم ۋىيشىنىڭغا بارمايۋاتامدۇ؟  بىر ئاز توختاپ ئاستا ئاستا ئويلىنىپ باققىن.    سەن مىنىڭ ئورنۇمدا بولساڭ قانداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالاتتىڭ؟      ئاھ يۈرۈگۈم بولدى سەل ئاستىراق سوققىن؟   خىيالىڭدىكى سۆيگىنىڭنىڭ سىماسنى ئويغىتۋىتسەن؟  ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرنى يازغان خەتلىرنى ئوقىغىنىمدا يەنىلا سەن ئاڭلىۋىلىپ گۈپىلدەپ سۇقۇشقا باشلايسەن. سىنىڭ خىزمىتىڭ ئۇنى مەڭگۈ قات قېتىڭدا ساقلاش.
ئەي كۆڭلۈمنىڭ ئاسراندىسى قاچانمۇ مۇشۇ يۈرۈكۈمنىڭ سۇقىشىنى سىنىڭ بىپەرۋا يۈركۈڭ سىنى بەك سېغىندىم دەپ باغرىنى ياقار ھە؟
ئەي دىلىمدىكى يۈرەك پارەم سەنمۇ مىنى ئانچە مۇنچە ئويلاپ قويامدىغانسەن؟  
سىنىڭ كۆڭلىڭدە مەن پاتقۇدەك كىچىككىنە ئورنۇم بارمىدۇ؟
خىياللار ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلۋاتقان بىر جۈپ قۇشلارغا قارىغىنە؟  نىمىدىگەن ئامراق بىر جۈپلەر ھە!!!!!
سىنىڭ ئامراقلىقىڭ كەلمىدىمۇ؟
ئاھ ھاياتىمنىڭ دىل خانىسى !!!  خىيالىمدىكى ئاشىغىم كۆڭلۈڭ تارىتسا ئۇيالما؟ قەلبىڭنى ئىزھار قىل. ۋاقتىنچە ساڭا ھەممىنى بىرەلمىسەممۇ كۈنلەرنىڭ ئۈتىشى بىلەن ھەممە نەرسەڭنى تەل قىلىپ بىرىمەنغۇ.! سەن خىيالىڭدا ئويلاپ باقمىغان خوشاللىقلاردىن سىنى بەھىرمان قىلىمەنغۇ.!   ئىشىنەرسەنمۇ؟
قارا ئالدىڭغا؟ماناھ سەن ئارزۇ قىلغان خىيالى جەننەت! !!!
خىيالى كۈزۈڭدە كۆرەلىدىڭمۇ؟ !!!     ھېس قىلالىدىڭمۇ؟!!!    مىنىڭ قەلبىمدە مۇشۇنداق چەكسىز بىر مۇھاببەتنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالىدىڭمۇ ئامرىقىم؟!!!  بارچە گۈزەل شىرىن مېھىرلەر !  تاشقا ئۇيۇلغان گۈزەل ۋەدە قەسەملەر خىيالىڭدىكى چۈش ئەمەس مانا تۇتۇپ تۇرۇپسەنغۇ ئۆز قۇلۇڭدا!!!! ئەي گۈزەل دىلبىرىم مىنى ئەمدى ئاستا ئاستا چۈشىنىپ قالىسەنغۇ ھە!!!!ھازىر مەن سىنىڭ خىيالىڭدا.  ھېس قىلدىڭغۇ ھە!!!!
ئۇنداق بولسا دەرھال ماڭا ئۇچۇرىڭنى بەر جېنىم! !! قىلچە ئۇيالمىغىن دەرھاللاھە؟!! ئاھ يۈركۈم ساڭا نىمەبولغاندۇ ئەمدى؟!!  نىمانچە ئۇھسىنىسەن؟ !!! قاراپ تۇر ساڭا ھازىرلا ئۇچۇر كېلىدۇ. شۇ چاغدا يەنە دۈپىلدەپ تېز سۇقۇشقا باشلايسەن تايىنلىق !!!!  ھازىر مەن تۈن قوينىدا سىنى ئويلاپ كۈزۈمدە ئۇيقۇ يوق ئۇچۇرلىرىڭنى كۈتىۋاتىمەن جېنىم بىلۋاتامسەن؟!!!!!!!
ئەجىبا يېتىرقاپ تىلىڭ سۆزگە كەلمەيۋاتامدۇ؟  تارتىنما ـ خىجىل بولما  ـ!
ئېھ ئامراق دىلبىرىم سەن بۇ ئىبارىلەرنى كۆرۋاتقىنىڭدا ئۆز ھېسياتىڭغا بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلۋاتقان مۇشۇ دەقىقىدە قانداق ھېسيات سىنىڭ تەپەككۈر تەختىڭنى تارتىۋالغاندۇ ؟؟؟
ئېھ ئامراق دىلبىرىم  كەلگۈسى باغلىرىمنى پەرۋىش قىلغۇچى باغۋەنىم  سەن ئۆزەڭنىڭ يۈرىكىنى تۇتۇپ باقتىڭمۇ؟  سىنىڭ يۈرۈكۈڭمۇ دۈپۈلدەپ سۇقىۋاتقاندۇ ھەقىچان ـ؟!!!!!
مانا مەن ئاڭلاۋاتىمەن ـ قارىغىنا تىڭشاۋاتىمەن ـ قۇلۇم يۈرىكىڭنىڭ ئۈستىدە  ـ ئاڭلا ئاڭلا دۈپدۈپ دۈپدۈپ ئاھ دۇنيا سەن نىمانچە گۈزەل  ـ
ئاھ بىزنى دۇنياغا ئاپىردە قىلغان ئۇلۇغلىرىم سىلەر نىمانچە ئۇلۇغ ـ ئىككى يۈرەكنىڭ تىۋىشىنى ھېس قىلدۇرغىنىڭغا مىڭ مەرتىۋە تەشەككۈر ـ  مەن ئىپتىخار ئىلىكىدە كىتىۋاتىمەن ـ ھايات مەنزىلىمنىڭ داۋانلىرىدا ئاستا كىتىۋاتىمەن ـ ئارزۇ - ئارمانلىرىم بىلەن گۈزەل ئەتەمنى بوستان قىلىشقا كىتىۋاتىمەن ـ مەسئۇليەت ۋە تىرىشچانلىق ھارۋىسدا كۈلۈپ كىتۋاتىمەن ـ


ئاپتۇرى:… ئاقسۇ قارتال بازىرىدىن « مەمەتجان سامساق »
تېلفۇن ئۈندىدار نۇمۇرۇم 15599755288
     





105 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سامساق ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-7-29 0:15:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-18 9:06:47 تۇرغۇن 15599710720
بەك قالتىس بوپتۇ تىخىمۇ تىرىشىڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ