ئەجەپ (غەزەل) - مىھىرگۈل نۇرمۇھەممەت

ئەجەپ 

مىھىرگۈل نۇرمۇھەممەت


ئازدىممىكىن بىلەلمىدىم ھېچ، تۇيغۇلىرىم بويسۇنماس ئەجەپ،
خىيالىمغا كىرمىگەن دەرتكە، بولدۇم ئۆزۈم مۇپتىلا ئەجەپ .

زەئىپلىكتە بۇ تېنىم مەجروھ، غورۇرۇمدىن ئۆچكەندە غەزەپ،
زاۋاللىقتا تېنەپ بىر مەھەل، ئۆزۈم ئۇنتۇپ يۈردۈما ئەجەپ.

كېچىلىرى ئۇيقۇدىن بىدار، تىلەكلىرىم ئۇپۇقتا لەيلەپ،
كۆزلىرىمنى گىرىيان ئەيلەپ، شۇ يوللارغا باقتىما ئەجەپ.

يۇلتۇزلارمۇ كېتىپتۇ تاراپ، كۆرسەڭ ھالىم ئۇنىڭدىن خاراپ،
قارا تۈندە ئەينەككە قاراپ، ئۆز ئۆزۈمگە كۈلدۈما ئەجەپ .

ئاققان يېشىم كۆرۈنمەس پىنھان، سەبىرلەرگە بارمىدۇ ئىمكان؟؟!
ۋىسالنى دەپ «بەئەينى شەيتان »، ھېجرانغا بەند بولدۇما ئەجەپ.

2017-يىل ئاپرېل   تارىم   كېچە
     





45 قېتىم كۆرۈلدى مىھرىگۈل نۇرمۇھەممەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-16 12:42:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ