ئىزلەيمەن ئۆزۈمگە راھەتلىك ئۈلۈم
يۇلتۇز (ئاق مەرۋايىت)
ھىجرانىم پىغانىم ھەممىسى زۇلۇم ،
ئۆزۈمگە قەبرىگاھ كولايدۇ قولۇم.
ئىچىمدە بېسىقماس قىقاس چۇقانلار،
ئىزدەيمەن ئۆزۈمگە راھەتلىك ئۆلۈم…
يىغلايدۇ بۇ قەلبىم تىلىم سۈكۈتتە،
ئارمانلار يېلىنجار بىراق ئۈمۈتتە.
قالمىدىم كېچە ھەم كۈندۈز غەپلەتتە،
ئۆزۈمگە ئىزلەيمەن راھەتلىك ئۆلۈم …
ئۆلۈمنىڭ سايىسى كەلگەندە باشقا،
ئىزدەيمىز ئۇنىڭغا سەۋەپ تېپىشقا.
بويسۇنماي نە ئامال ئۇندىن قېچىشقا،
شۇڭلاشقا ئىزدەيمەن راھەتلىك ئۆلۈم…
كىم ئاشىق دىسە گەر بىراۋلار ماڭا،
مەن ئاشىق دەپ جاۋاپ بېرىمەن ئاڭا.
ھەقىقى قەدرىمدە ئېرىشش ساڭا،
ئىزلەيمەن ئۆزۈمگە راھەتلىك ئۆلۈم…
ئاتقاندا ھەر كۈنى تاڭنىڭ ساباسى،
ئاڭلىنار چاقىرغان ئۆلۈم ساداسى.
بىرلىشەر جۆر بولوپ قەلبىم نىداسى،
نەدە سەن،نەدە سەن راھەتلىك ئۆلۈم…
ئاشىقىم ئاتىدىم ساڭا بارىمنى،
قۇبۇل ئەت ئەرزىمەس ئۇشبۇ جانىمنى.
ئاڭلىغىن ئاشىقىم بۇ نىدايىمنى،
تىلەيمەن سېنىڭدىن راھەتلىك ئۆلۈم…
70 قېتىم كۆرۈلدى | يۇلتۇز | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-4 0:23:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|