قايغۇلۇق نىدا - كەتمەنباي

قايغۇلۇق  نىدا
      كەتمەنباي 


تۇغقانلار سېپىدىن يىقىلدى بىرى،
ھەممىنى قالدۇرۇپ ئېغىر ئازاپتا.
ھەتتا زېمىننىڭ يۈز -كۆزلىرىمۇ،
يۇيۇلدى كۆزلەردىن تۆكۈلگەن ياشتا.

قانداق كۈن بىز ئۈچۈن بىلەلمەي قالدۇق،
تۇيۇقسىز كەلگەچكە ئۆلۈم ئەلچىسى.
ماتەمنىڭ جۇدۇنى ئالدى پەلەكنى،
يېپىلدى زىمىنغا تۈننىڭ پەردىسى.

بىردەمدە بوپ قاپتۇ مېيىت يەتتىسى،
تېرىكلەر بۇنىڭدىن ئالۇر بىشارەت.
تۇغقانلار قايتىدىن جەم بولدى بۆگۈن،
ئىزىڭدىن پۈتۈلگەن ئۆچمەس ئىمارەت.

ئۆتكەنتىڭ ھاياتتا ھالال ۋە دۇرۇس،
تاغلارمۇ  باغلارمۇ  بولغۇسى  گۇۋاھ.
ئىنساننىڭ ياخشىسى ئۈلگىسى ئىدىڭ،
يازسام گەر توشىماس قەلەم ۋە سىياھ.

تىلەيمىز سەن ئۈچۈن ئىسىل بىر جەننەت،
تالاي قول سەن ئۈچۈن بولماقتا پىدا.
بولالماي يېنىڭدا ئۆكۈندۈم شۇنچە،
قىلىمەن ھىجراندىن تەڭرىمگە نىدا .

2016-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى      خۇتەن

     





98 قېتىم كۆرۈلدى katmanbay ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-15 17:23:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ