مەن سەن بولۇپ تۆرەلمەپتىمەن
*
ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر
*
يىقىنىم دەپ ئويلاپ كەپتىمەن ،
نىيىتىڭنى بىلەلمەپتىمەن .
مەن قىلمايمەن قىلغانلىرىڭنى ،
مەن سەن بولۇپ تۆرەلمەپتىمەن .
*
بولدۇڭ ئىسىل كۆرۈنىشىڭدە ،
لىكىن زەرداپ قايناپ ئىچىڭدە .
خۇشامەتلىك تەپچەر گىپىڭدە ،
مەن سەن بولۇپ تۆرەلمەپتىمەن .
*
ئاقتىڭ ئويناپ ھەسەت سۈيىدە ،
چالدىڭ دۇتتار كىبىر كۈيىدە .
مەن ئەمەلسىز بۇنداق تۈزۈمدە ،
مەن سەن بولۇپ تۆرەلمەپتىمەن .
*
ئالغا باسسام چىدىيالمىدىڭ ،
مەن قىلغاننى يە قىلالمىدىڭ .
سۈكۈت قىلسام قورقتى دىدىڭ ،
مەن سەن بولۇپ تۆرەلمەپتىمەن .
*
كۆز ئالدىمدا مىنى ماختىدىڭ ،
يوق چىغىمدا غەيۋىتىم قىلدىڭ .
مىنى ئۆچمەن سىپىگە تىزدىڭ ،
مەن سەن بولۇپ تۆرەلمەپتىمەن .
*
سەبىر تىگى بولغاچقا ئالتۇن ،
كىيدىم شۇڭا سۈكۈت لىباس تون .
سەن يەنىلا كەپسىز بىر ئۇچقۇن ،
مەن سەن بولۇپ تۆرەلمەپتىمەن .
*
كۈلۈمسىرەپ قوياي ھەممىگە ،
تەڭكىشىم يوق بۇنداق پەدىگە .
ئىگەم ئىنساپ بىرەر قەلبىڭگە ،
مەن سەن بولۇپ تۆرەلمەپتىمەن .
*
2016.10.8.كۈنى . ئۈرۈمچى .
| 112 قېتىم كۆرۈلدى | ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-12 15:50:10 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|