ھەقىقەت بوسۇغىسىدا(نەسىر) - دىلنىگار ئەخمەتجان

ھەقىقەت بوسۇغىسىدا(نەسىر)

 دىلنىگار ئەخمەتجان


  ھەقىقەت بوسۇغىسىدا رىئاللىققا تەلپۈنۈپ تۇرۋاتىمەن. بوسۇغىدىن ئاتلاي دەيمەن ـ يۇ، يەنىلا تىڭىرقايمەن. چۈنكى ماڭا شۇ يىراق دۇنيادىكى ئاتالمىش'تەرەققىيات'لار نامەلۇم، 'يېڭىلىق'لار چۈشەنگۈسىز. مەن ئۆزۈمنىڭ شۇ رىئاللىققا ماسلىشالماي قىلىشىمدىن ئەنسىرەىتتىم. لىكىن يەنىلا بىر مەنىۋى كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە، قەلبىمدە تىپچەكلىگەن ئۈمىد نىدالىرىمنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن ھەقىقەتتىن ئىبارەت بۇ بوسۇغىدىن ئاتلاپ رىئاللىققا يۈزلەندىم.
 ئاچچىق كۆز ياشلىرىمنى باش باھارنىڭ شىپالىق يامغۇرلىرىدەك بۇ تۇپراققا تۆكمەكتىمەن. چۈنكى رىئاللىقتىن ئىبارەت بۇ دۇنيا تولىمۇ قۇرغاقلىشىپ كەتكەن بولۇپ رەزېللىكنىڭ شۇمبۇيلىرى بىلەن پۈركەنگەنىدى. ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ ئانا تۇپراقنى پاكلىيالمىدىم.شەبنەم كەبى ياش تامچىلىرىم خۇددى كەچۈرگۈسىز بۇ رەزېللىكنىڭ،  ساختىپەزلىكنىڭ ئوغۇتلىرىدا ئوغۇتلانغان بۇ زېمىننى پاكلاشقا ئاجىزلىق قىلدىكەنمىز دەپ نالە قىلىشقاندەك، يۈرىكىم تۇلپاردەك تىپچەكلەپ سىرتقى مۇھىتقا ئۆزىنى ئاتقاندەك، تىنىقلىرىم بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىدا توختىغاندەك بولۇپ پۈتۈن ئەزالىرىم بوشىشىپ كەتكەن ئىدى.
     'توۋا'دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە، نېمىشقىمۇ بۇ رىئاللىق دۇنياسىغا قەدەم باسقاندىمەن؟! بۇ دۇنيادىكى كىشىلەردە نە ئىنساب نە ۋىجداننە غورۇر يوق.ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتىغان، ئۆزلىكىدىن چەتنىگەن. ھەققانىيەتتىن ۋاز كېچىپ ساختىپەزلىككە چاپلاشقان ئىكەن. ئۇلار قانداقمۇ بەختكە ئېرىشىپ شادلىنىپ چىن ۋۇجۇدىدىن ۋىلىقلاپ كۈلەرـ ھە!
   شۇ پەيىتتە، يولدا ماڭغاچ ئەتراپقا نەزەر سالدىم.توساتتىن ئالدىمدىن قۇرىغان دەرەختەك قاقشال بولغان، چىرايىدا شادلىقتىن ئەسەرمۇ قالمىغان، بەدىنىنى مىڭ تەستە سۆرەپ ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان بۇ كىشىگە كۆزۈم چۈشتى. شۇندىلا ئۇنىڭ ھەقىقەتتىن چەتنىگەن كىشى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدىم. يەنە شۇنداق تۇرۇقلۇق باشقا كىشىلەرنىمۇ ئىنسابسىزلىق، ساختىپەزلىككە يېتەكلەۋاتقانلىقىدىن غەزېپىم تاشتى. ئاچچىق كۆز ياشلىرىم تېخىمۇ بەكرەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى.ئۆزۈمنىڭ بۇ رىئاللىق دۇنياسىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىمنى ھەقىقى تونۇپ يەتتىم. قايغۇردۇم، ئېچىندىم. بۇرۇن ھەممىمىز خۇددى بىر تال ئۇرۇقتا تەڭ ئۆسكەن گۈللەر ئەمەسمىدۇق؟ ئۆزىمىزنىڭ ئادىميلىك غورۇرىمىزدىن پەخىرلىنىپ ھەققانىيلىقىمىزدىن سۆيۈنۈپ، كەلگۈسىگە زور ئۈمىدلەر بىلەن بېقىپ،ئانا زېمىنغا پاك سۆيگۈمىز بىلەن تەلمۈرۈپ گۈزەل قەلىبلەردىن سېغىنىشىپ، ئىنساب،ۋىجداننى مەڭگۈلۈك ھەمراھ تاللاپ ساداقەتمەنلىك ئىچىدە بۇ رىئاللىق دۇنياسىنى ئۈمىد گۈللىرى بىلەن بېزىگەن ئەمەسمىدۇق.ئەمدىلىكتىچۇ؟بىزگە ھەمراھ بولغان شۇ گۈل بەرگىلىرىنى ئۆز قولىمىز بىلەن توزىتىپ، ھەقىقەتتىن چېنىپ،ۋىجدانىمىزنى ياتلاپ، ئىنسابسىزلىققا ئەگېشىپ، پاك تۇپرىقىمىزنى يالغانچىلىق چاتقاللىرىغا ئورىدۇق. ئەنە شۇ چاتقاللارنىڭ تىكەنلىرىگە ئىشتىياق باغلاپ،ئۆزـ ئارا خەنجەر قىلىپ تىقىشىپ، ئۆز كۆڭلىمىزنى شاد ئەيلىدۇق.شۇ سەۋەبتىن پاك زېمىن بۇلغاندى.ھەمراھ قىلغان ئىنسابنى يېتىم، ۋىجداننى سەرگەردان قىلىپ، غورۇرىمىزنى دەپسەندە قىلدۇق.بىز شۇنى ئەسكە ئالمىدۇقكى، بىز كۆزگە ئىلمىغان ھەقىقەت ھامىنى بىزنى ھالەك قىلىپ ئېچىنىشلىق ئازابقا مۇپتىلا قىلىدۇ.
   شۇلارنى ئويلاپ بۇ بۇلغانغان رېئاللىقتىن ئايرىلىشنى لايىق تاپتىم ـ دە،ئەڭ ئاخىرقى پۇشايمان يېشىمنى ھەقىقەت گۈللىرىگە تۆكۈپ ھەقىقەت بوسۇغىسىغا قايىتتىم...........
     





465 قېتىم كۆرۈلدى دىلنىگار ئەخمەتجان ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-12 22:41:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-19 2:12:30 گۈلنىگار
ھەقىقەت بۇسۇغىسىدا دىگەن نەسىر بەك ئ‍ىسىل چىقىپتۇ
2016-12-19 1:11:03 marziya
esil
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ