يامغۇر تىۋىشلىرى
سۈبىنۇر قۇربان شېئىرلىرى
سىم سىم يامغۇر ياغماقتا شۇ دەم،
گويا قەلبىمنىڭ تىۋىشلىرىدەك.
مەڭزىمنى بويلاپ ئاقماقتا ئاستا،
گويا ئۆمۈرنىڭ مەنزىللىرىدەك.
تۇردۇم يامغۇردا ئۇزاقتىن ئۇزاق،
ئەمەستى داۋاملىق تۇرۇش تائەبەت.
كۆزلىرىم قىزاردى ئەمما تۇرالماي،
بىردەملىك سەيلە، ئىدى بۇ پەقەت.
خۇشاللىقىم يامغۇرنىڭ ۋەسلىگە يەتكەچ،
بۇ خازان پەسلىمگە بەرگەچكە پەرۋىش.
ئوخشىماس بۇ دەملەر باشقا كۈنلەرگە،
يوق ئىدى كۆڭلۈمدە قىلچە بىر ئەندىش.
قەلىمىم تىپىرلار قەغەز يۈزىدە ،
يامغۇرغا داۋاملىق قوشاقلار قېتىپ.
رەھىمسىز يامغۇر توختىسا ئەگەر،
بۇ كۆڭلۈم قانداقمۇ قالغاي خۇرسىنىپ.
140 قېتىم كۆرۈلدى | nalwom | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-6 23:10:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|