ھايات (شېئىر) - ئابلىمىت روزى توغراق

ھايات 

ئابلىمىت روزى توغراق


قىرىتساڭمۇ يىللار يىشىمنى ،

قەلبىمدە بار ھاياتقا سۆيگۈ.

ئارمان ئاتلىق ئىتىمنى مىنىپ،

توختىمايمەن يولۇمدىن مەڭگۈ.


ياشلىقمنى ئۇچۇردىڭ يىللار،

ئارمانلىرىم قىپقالدى ئىشىپ.

قەلبىمدىكى ھايات تەشناسى،

قۇيۇلماقتا زىمىنغا تىشىپ.


رىتىمىغا بىقىپ يىللارنىڭ،

ھايات كىمەم ماڭماقتا ئاستا.

باستىم شۈنچە ئۇزۇن مۇساپە،

مەنزىل تىخى تۇرار يىراقتا.


ئاڭلىنىدۇ يىراق جايلاردىن،

كولدۇرمىنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى.

ئازدۇرالماس مىنى يولۇمدىن،

پەرى سۈپەت سەتەڭنىڭ نازى.


ئوتتۇرىغا كەلدىم ھاياتنىڭ ،

ئۈمىد بىلەن بىقىپ ئەتىگە.

بىرتىنىقتا تۈگەركەن ھايات،

يەتتىم بۈگۈن ئۇنىڭ قەدرىگە .


2017.3.17 پوسكام

     





29 قېتىم كۆرۈلدى ئابلىمىت روزى توغراق ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-2 7:35:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ