ۋىسال-سەۋدا

  ۋىسال 

(ســـەۋدا)


يىراقلاردىن ئىما قىلىمەن،
ئاشۇ مېنىڭ،
ۋىسالىم دەپ غەيرەت قىلىمەن.
ئىشىنىمەن يېتىمەن ئاڭا،
يىراق ئەمەس كېلەر ئالدىمغا،
باغرىمغا،
چىڭ تۇتىمەن ئۇنىڭ قۇلىدىن.
ۋىسالنى مەن تۇتقۇن قىلىمەن،
چۈنكى قاچقۇن ئەسكى سەن،
كەلمىكىڭ تەس،
كەتمىكىڭ ئاسان،
ساڭا كۆنسە ياقماس باشقىسى،
شۇڭا سېنى مەلھەم بىلىمەن.
يۈرەكنىڭ ھالى ،
مەجنۇنلۇق سەۋەب،
ھالىم خاراپ ،
گاھ ئايغا قاراپ ،
گاھ يۇلتۇز ساناپ،
سەن كەلگۈچە ئۆزۈمنى بەزلەپ،
يارنى ئەسلەپ.
كەل،ئەمدى زار قىلما!
كۆزلە تېشىلەي دېدى،
ئۆزۈڭنى كۆرسەت،
بىر قانسۇن ساڭا.
مېنى قىينىساڭ مەيلىتى ئەسلى ،
ئۇنىمۇ قىينىدىڭ،
ئۇنىڭغا چىدىمايمەن.
ئەمدى ياق ،ياق،
قاتتىق تىلەيمەن،
يىغلاپ تىلەيمەن،
سېنى بىزگە تۇتقۇن بولۇشقا،
بىر ئۆمۈرلۈك ئەسىر بولۇشقا.
     





78 قېتىم كۆرۈلدى sawda0903 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-23 22:54:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ