بالامغا

بالام مەن كېتەرمەن سەن قالغىن ئ‍امان ،
كۆزلەرىم كەينىمدە قىيالماي قالغان .
ئ‍انام ئ‍ۆلگەن دىمە يانىڭدە مەن بار ،
تامچە قان تەرىڭدە كۈلكەڭدە ھامان .

كەتكۈم يوق مېنىڭكى سەندىن ئ‍ايرىلىپ، 
ساڭىلا قارارمەن ئ‍وتلۇق قايرىلىپ .
ئ‍انام ئ‍ۆلگەن دىمە يانىڭدە مەن بار ،
يىغلىساڭ يېشىڭنى سۈرتەرمەن بېرىپ. 

قىسمىغىن بوينۇڭنى ئ‍انام كەتتى دەپ، 
خەقلەرنىڭ ئ‍الدىدا يېتىم ئ‍ىدىم دەپ .
ئ‍انام ئ‍ۆلگەن دىمە يانىڭدە مەن بار ،
تۇرارمەن ئ‍ەتراپتا شەيتاننى ھەيدەپ. 

بالام دەپ كۆيىدۇ ھەردەم يۈرىكىم ،
ئ‍ېچىقلىق ساڭىلا ئ‍انىلىق باغرىم.
ئ‍انام ئ‍ۆلگەن دىمە يانىڭدە مەن بار ،
سېنى دەپ كېتەلمەي ئ‍ۆيلەردىن روھىم .

بالام سەن ھاياتىم بارلىقىم مېنىڭ ،
يادلايمەن شۇ نازۇك ئ‍وماق قىلىقىڭ. 
ئ‍انام ئ‍ۆلگەن دىمە يانىڭدە مەن بار ،
چېھرىڭدە مېھرىڭدە بارىمەن سېنىڭ .




135 قېتىم كۆرۈلدى Gvlsanam ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-2 10:11:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ