قۇچاقلىغىن داداڭنى (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 قۇچاقلىغىن داداڭنى
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)

ئەركەك بولساڭ،يوقلاپ تۇرغىن داداڭنى،
داداڭ بولسا،ھاياتلىغىڭ گۈزەلدۇر.
ئۇنۇتمىغىن تەر ئاققۇزغان ئەجرىنى،
ئاتىلارنى قەدىرلىگەن ئەركەكتۇر.

ئەركەك بولساڭ،قۇچاقلىغىن داداڭنى،
سىلاپ قويغىن،ھاردۇق يەتكەن پۇتۇنى.
كېرەك ئەمەس ئاتىلارغا بايلىقىڭ،
كۈتەر سۆيگۈ،بەرگىن دائىم مېھرىڭنى.

ئەركەك بولساڭ،سېغىندۇرما داداڭنى،
پۇرىۋالغىن خۇشپۇراقلىق ھىدىنى.
خىرەلەشكەن كۆزلىرىگە قارىۋال،
مىڭغا كىرمەس،يۈتىۋالغىن داداڭنى.

ئەركەك بولساڭ،قەدىرلىگىن داداڭنى،
چۈشەيدىغۇ،كۈندە ئويلاپ بەختىڭنى.
ئويلىمايدۇ راھەتلەرنى بىر ئۆمۈر،
سېنى بېقىپ،يەنە بەزلەر بالاڭنى.

ئەركەك بولساڭ،يالغۇز قويما داداڭنى،
قۇچاقلىۋال،يېتىۋالغىن يېنىدا.
كىتىپ قالسا،پۇرالمايدۇ ھېدىڭنى،
گۈللەر  سۇنۇپ،قىسىپ قويغىن بېرىدا.

ئەركەك بولساڭ،خۇشال قىلغىن داداڭنى،
سىلاپ قويغىن قورۇق باسقان يۈزىنى.
قىلماس تەمە،داداڭ سەندىن ھېچ نىمە،
يوقلاپ تۇرغىن،پۇرىۋالغىن ھېدىنى.
     





82 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-10 9:24:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ