ئەگەر سىنى سۆيمىگەن بولسام

ئەگەر سىنى سۆيمىگەن بولسام

 

ئەخمەتجان ئەھەت

 

ئەگەر سېنى سۆيمىگەن بولسام،

كۈڭۈل بىرىپ ئازماس ئىدىم.

ئىشقىڭدا مەن گۈلخان بۇلۇپ،

 كۈيۈپ شىئېر يازماس ئىدىم.

 

 ئەگەر سېنى سۆيمىگەن بولسام،

 ئازابىڭنى سەزمەس ئىدىم.

ياقا يۇرتتا سەرسان بۇلۇپ،

سەنسىز جاھان كەزمەس ئىدىم.

 

ئەگەر سېنى سۆيمىگەن بولسام،

 جىمجىت خىيال سۈرمەس ئىدىم.

سېنى ئەسلەپ ئايغا قاراپ،

ئايدەك يالغۇز يۈرمەس ئىدىم.

 

 ئەگەر سېنى سۆيمىگەن بولسام،

بەلكىم قەسەم بەرمەس ئىدىم.

 ياكى سېنى ئالداپ قويۇپ،

 ئالدىڭغىمۇ بارماس ئىدىم!





189 قېتىم كۆرۈلدى kaplan08 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-10 17:24:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ