تەمتىرەپ قالدىم
مەردان شاھ خۇشخۇي
قەدەم ئىلىپ كىردىم ياشلىق بۇسۇغىدىن،
ئەمما تىپىپ ماڭالمىدىم ئاتام ئىزىدىن.
ئەقلىم ئېزىپ شەيتاننىڭ ھىيلە- مىكرىدىن،
ئېغىز ئىچىپ تىڭىرقاشتا تەمتىرەپ قالدىم.
ياراتماي ئۇششاق ئىشنى چوڭنى قىلالماي،
بىر ھۈنەرنىڭ ھۆددىسىدىن تۈزۈك چىقالماي.
ئۆكسۈتمەي ئائىلەمنى گۈلدەك باقالماي،
ئەگرى -تۇقاي ئۇزۇن يولدا تەمتىرەپ قالدىم .
شۇڭلاشقا ئىچىم پۇشۇپ كۈنۈم ھەسرەتتە،
شاراپ ئىچىپ كەيىپ سۈرۈپ يۈردۈم غەپلەتتە.
جىدەل قىلىپ ياتتىم ھەپسىدە بىر ھەپتە،
قېقىلىشىپ كوچىلاردا تەمتىرەپ قالدىم.
ئىلىپ كەتكەچ يىللار ياشلىق باھارىمنى،
چۈشەنگەندە ئاستا-ئاستا مەن ھاياتلىقنى،
كۈچۈم يەتمەس باغ قىلىشقا باياۋاننى،
بىرنى ئىككى ئىتەلمەستىن تەمتىرەپ قالدىم.
| 108 قېتىم كۆرۈلدى | huxhuy | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-22 1:52:30 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|