مەن ئۇنتۇلۇپ كەتتىم
ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى
ئۇنتۇلۇپ كەتتىم
قەبرىستانلىقتىكى يولغا ئايلىنىپ كەتكەن قەبرىدەك،
توڭلاتقۇنىڭ بىريەرلىرىدىكى سۇلياۋ خالتىدا قېتىپ كەتكەن بۆرەكتەك،
قاي ۋاقىتتا پۇل قۇيۇپ
يۈتۈپ كەتكىنىنى ئۇقمىغان كارتىدەك...
ئۇنتۇلۇپ كەتتىم
ئىھتىمال ئۇنتۇلۇشقا تىگىشلىكمەن
ياكى ئۇنتۇشقا مەجبۇرلانغاندىمەن
ۋەياكى ئۈزەم ئۇنتۇپ كەتكەندىمەن
ئۈزەمنى ئۈزەم ئۇنتۇپ كەتكەندەك...
ئۇنتۇلۇپ كەتتىم
گاڭگىرىغان پېتى تۇغۇلۇپ،
بىلىش بىلەن بىلمەسلىكنىڭ ئارىسىدا سۇقۇلۇپ،
بەخىت بىلەن بەخىتسىزلىك ئارىسىدا بۇغۇلۇپ،
قورساق غېمىدە مىڭەم چۇۋۇلۇپ،
جاھانغا باققىنىمچە قېرىپ كەتتىم،
مىنى ئەسلەپ يۈرمەڭلارئەي ئادەملەر!
ئۇنتۇلۇپ كەتمەكچىتىم...
مۇرادقايەتتىم،
ئۇنتۇلۇپ كەتتىم.
...........
ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى
2016-يىلى 5-ئىيۇن
27 قېتىم كۆرۈلدى | margimux | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-8-1 8:06:52 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|