ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم (شېئىر) - ئابدۇراھمان ئىبىراھىم

 ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم (شېئىر)
ئابدۇراھمان ئىبىراھىم


قىلغۇزمىدى ئىشىمنى،
ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم.
يېگۈزمىدى ئېشىمنى،
ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم.

ئۇندا تېخى قويۇلدۇم،
ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم.
ئۆزگە ئەخمەق تۇيۇلدۇم،
ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم.

توردا كۆپكەن، ئالدامچى،
ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم.
بەزى تورداش تىللامچى،
ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم.

بەزەن سالون، بەك مەينەت،
ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم.
بەردى،كۆزگە كۆزەينەك،
ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم.

بۇزدى سىزنى ۋە مىنى.
ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم.
ئۇنتۇلدۇردى، ھەممىنى،
ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم.

يامان ئىكەن، خۇمارى،
ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم.
كېچە كۆزلەر بىدارى،
ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم.

يۇيىۋەتكۈم بار ئىدى،
ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم.
بىراق قولۇم بارمىدى،
ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم.

ئەمدى قانداق قىلارمەن؟
ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم.
ئىچىمدە مىڭ تىللارمەن،
ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم.

سەۋەب ئۆزۈمدە، نېچۈن؟
ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم.
تۇرماي سۆزۈمدە لېكىن،
ئۈندىدارغا ئۆچ بولدۇم.

ئابدۇراخمان ئىبراھىم.
ئاپتورنىڭ ئۈندىدارى:13899022303
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ، نامسىز قويماڭ.

     





29 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇراھمان ئىبىراھىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-25 6:08:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ