كۈتكەنلىرىم كەلمىگەچ
— نۇرئېلى ئابابەكرى . ئۆركەش
«ك» ھەرپىدىن باشلانغان سانائىل ھەرپىيات
كۆڭلۈمدىكى كىشىنى كۈتۈپ كەلدى كۆزلۈرۈم ،
كىرپىكلىرىم كىرلەشتى كەتتىغۇ كۆپ كۈزلىرىم .
كېپىنەكتەكتەك كەلمىدىڭ كۆڭۈللەرنى كۆتۈرۈپ ،
كۈلەلمىدىم كۆڭلۈمدىن كېسەل كەبى كۈنلىرىم .

كۆزلىرىڭدە كىملەرگە كېچە - كۈندۈز كۆيدۈڭمۇ ،
كەڭرى كەتكەن كۆڭلۈڭدە كۈلۈمسىرەپ كۆندۈڭمۇ .
كۆڭۈللۈرۈم كۈلدەكلا كۈنلىرىممۇ كۈلكىسىز ،
كۈل كۆڭۈلنى كۆرۈپمۇ كۆزلىرىڭدە كۈلدىڭمۇ .

كۆلەڭگەڭنى كۆرسىتىپ كۆكتىن كۈلۈپ كەلگىنە ،
كۆكەرمىگەن كۆڭلۈمنى كېلىپ كۆرۈپ كەتكىنە .
كەتتى كۆڭلۈم كۆيگەنگە كۈتكەنلىرىم كەلمىگەچ ،
كاتتا كۆيگەن كۆڭلۈمنى كالېنداردا كۈتكىنە .
2016- يىل 05- ئاپرېل 23:06 / pm ( كەچ )
| 105 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرئېلى ئابابەكرى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-24 22:36:31 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|