ئۈلگۈرسەم دەيمەن
يۇلتۇز
ياشاپتىمەن 30يىل نام ۋە نىشانسىز،
قىلغان ئىشىم تولىسى بولدى پىلانسىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتالدىم نادان ئەقىلسىز،
شۇ ئەقلىمنى تېپىشقا ئۈلگۈرسەم دەيمەن.
ئاتا-ئانام ئۆستۈردى مىنى پەپىلەپ،
قۇچىقىدا چوڭ بولدۇم كۈلۈپ ئەركىلەپ.
ھېلىھەممۇ توختىماس بەختىمنى تېلەپ،
ئۇلارنىمۇ بېقىشقا ئۈلگۈرسەم دەيمەن.
دىللىرىنى ئاغرىتقان ئۇرۇق تۇققاندىن،
مىنى ئىزلەپ ھارمىغان يېقىن دوسلاردىن.
ھەقلىرىنى قىلماي ئادا قەرز بولغاندىن،
كەچۈرۈملەر سوراشقا ئۈلگۈرسەم دەيمەن.
ياخشىلىقنى ئايىماي خەلقىمگە سۇنغان،
يىتىم يىسىر ئاجىزغا سايىۋەن بولغان.
ئەۋلاد ئۈچۈن قەلبى ھەم مېھىرگە تولغان،
ئۇلارغا گۈل تۇتۇشقا ئۈلگۈرسەم دەيمەن.
ئاپتۇرى؛ يۇلتۇز (ئاق مەرۋايىت)
58 قېتىم كۆرۈلدى | يۇلتۇز | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-21 21:20:04 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-10-23 16:24:50 | alimjan003 |
assalamu alay kum kay du diya ri din kal gan inigiz alim jandin otluk salam alamat 👍👍👍👍 |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|